جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى | خېپەن كەنتىدىكى «چۈشىنىش تېمى»

日期:2022年06月01日
来源:天山网
【字体:

 

 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزا خېپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كەنت كومىتېتىنىڭ «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان توخۇلا يېزا خېپەن كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى جەدۋىلى»نى كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىزوۋ يىفوتوسى

ئانار بۇلۇت خەۋىرى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيىتىگە ئەمدىلا قاتنىشىپ بولغان كەنت ئاھالىلىرى «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى جەدۋىلى»نىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تېپىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا كۆرسەتكىنىچە ئوڭ تەرەپكە ئاخىرغىچە سۈرۈپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى بىر قاراپلا بىلىۋالدى.

«2013- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ئائىلىمىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 54 مىڭ 760 يۈەن بەھرىمەن بولدۇق، كېسەل كۆرسەتسەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار ، بالىلىرىمىز مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ. بۇنداق بەختلىك تۇرمۇش قانداق كەلگەن؟ ئەلۋەتتە كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن! بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ بېيىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن»دېدى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىدىكى دېھقان مەدىنە ئىمىن كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا.

بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۆپچىلىككە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خېپەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ۋە ھەربىر ئائىلە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئېنىقلاپ، «ئىككى ھېساباتنى ئېنىقلاش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، 2013 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 159 دېھقان ئائىلىسى بەھرىمەن بولغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى ھېسابلاپ، كۆرگەزمە تاختىسى ياساپ ئاشكارا ئېلان قىلىپ، «ئىككى ھېساباتنى ئېنىقلاش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» چۈشىنىش تېمى بەرپا قىلدى، ھەربىر كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپ، تەپسىلىي چۈشەندى، بۇ ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.