2.0 نۇسخىدىكى كەسىپلەر باغچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

日期:2022年05月31日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ شەھىرى باغچە رايونىنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى −

2.0 نۇسخىدىكى كەسىپلەر باغچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە، ھەرقايسى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سۈرەت تارتىش، پوسۇلكىلارنى بۆلۈپ قاچىلاش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى... شۇ كۈندىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى سانلىق مەلۇماتى چوڭ ئېكراندا ئون سېكۇنتتا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتاتتى.

بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تور سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە رايونلىرى بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. بۇ، ئاقسۇ شەھىرىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. بۇ بازا ماكانلاشقان كارخانىلارنى ئۈچ يىللىق ئۆي ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەقسىز بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، مەھسۇلاتلارنى ھەقسىز ئۆلچەملەشتۈرۈپ بەرپا قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھەر يىللىق تور سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ئاقسۇنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن شىنجاڭغا سېتىشتىن پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىشقىچە، بولۇپمۇ تور سىرتىدىكى سودا يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، توردىكى سودا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولدى.

لېكىن كەسىپ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، «ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقى»غا دۇچ كېلىدۇ. شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى كەڭ بازار ئالدىدا مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمەسلىك، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھۈنەر ـ سەنئىتى ئېھتىياجغا يېتىشەلمەسلىك، ماركىنىڭ تەسىر كۈچى زور بولماسلىق، بازار تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق يېڭى بوغما ھالەتلەرگە دۇچ كەلدى. 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن بو بۇ باش قېتىنچىلىقنىڭ سەۋەبىنى تىجارەت ۋاسىتىسى بازار ئېھتىياجىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىدىن بولغان، دەپ يىغىنچاقلىدى.

شۇ كۈنى، «لى شياۋجياڭ» تور دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى لى بو بازىدىكى ئىشخانىسىدا ياڭاقنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. «بىز خېرىدارلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، تور دۇكىنىدىكى سۈرەت، قىسقا سىنلارنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى لى بو. 31 ياشلىق لى بو 2019 ـ يىلى بۇ بازىغا ماكانلاشقان بولۇپ، بىرىنچى يىلىدىكى سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ئىككىنچى يىلى 900 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ئۈچىنچى يىلى 3 مىليون يۈەندىن ئاشقان، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 1 مىليون 800 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 700 مىڭ يۈەن ئاشقان.

سېتىش سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما بازىدىكى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى بونىڭ يەنىلا نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقى بار ئىدى. «خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىمىز. كەسىپ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش بېسىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دېدى لى بو.

لى بونىڭ باش قېتىنچىلىقى يىللىق سېتىش سوممىسىنى 5 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ئىدى. «ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى يىللىق سېتىش سوممىسىنى 3 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگىچە يەتكۈزگەندە بوغما ھالەتكە دۇچ كېلىدۇ، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلار ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيى، سېخلارنى ئىزدىشى كېرەك، بۇمۇ يۇقىرى سوممىلىق خىراجەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى لى بو.

بازار تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەخىرسىز بولۇپ قالدى. گۇەن بونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ئۇلار خاڭجوۋ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە كېڭىشىپ، يېڭى «2.0 نۇسخا»دىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇ تۈر ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى چوڭ يولى ئەتراپىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60 مو، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 30 ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش، ئوراش ـ قاچىلاش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى، تېز يەتكۈزۈش، تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپ ھالىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرەك بولالايدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ئاساسلىقى دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، قېزىش ماشىنىلىرى، توپا توشۇش ئاپتوموبىللىرى جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى... قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئالدىراشلىققا تولغان بولۇپ، ھەممىسى 9 ـ ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەۋاتاتتى.

ئاقسۇ شەھىرى 2.0 نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشتا ھەم قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردى. بۇ تۈرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلغاندا، بەزىلەر ئاقسۇنىڭ يېڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشىنى ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئوخشاتتى. «بۇ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى رىقابەت كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان مۇھىم <جەڭ>، تەرەققىيات نەزەرى ئارقىلىق پىلانلاش كېرەك» دېدى گۇەن بو سەمىمىيلىك بىلەن.

«مەن 2016 ـ يىلى 2000 يۈەن پۇل بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغان. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى باش قېتىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم، ھەربىر باسقۇچتا يېڭى خىرىس بار.» ئاقسۇ شياۋتيەنشىن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جىن شىن مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمنىڭ 2020 ـ يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، 2021 ـ يىلى 130 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ئاقسۇ شياۋتيەنشىن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇ ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرگەن باشلامچى كارخانا. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى پات ئارىدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ، جىن شىن تېخىمۇ يۇقىرى نىشان تىكلىدى، ئۇ بولسىمۇ − تېخىمۇ كۆپ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لياڭ جيانى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچە رايونى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز پەلەمپەيسىمان تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى باشلانغۇچ بىلىم بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ئاساسىدا، كەسپىي ئېلېكتىرونلۇق سودا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسى بار كۇرسانتلارنى خاڭجوۋغا ئەۋەتىپ ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، مەۋقەنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش بويىچە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى %85تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە قويۇپ، ئاقسۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات باشلامچىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز.

نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىدىن 95ى، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىدىن 16سى ماكانلىشىپ، 2000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىدىن 226سى يېتىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە سېتىش سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانىدىن ئىككىسى، 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانىدىن 25ى بار. بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي يېڭى 2.0 نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا تېزدىن ماكانلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.