يېڭى كەنت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، يېڭىچە دېھقانلار ئالتۇن قازدى

日期:2022年05月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كۆتۈرمە يول زۇمرەتتەك سۇ، تال تېرەكلەر ئارىسىدا ئەكس ئېتىپ، ۋۇتۇڭ كۆۋرۈكى ياشلار ئۆستىڭىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، ئاق بامبۇك غولى تۇتاش كەتكەن كۆلچەكلەردە ئۆسۈپ، جىنشيەنليەن پارنىكتا بىخ چىقارغانىدى... بۇ سىم ـ سىم يامغۇر يېغىۋاتقان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى بولماستىن، بەلكى ئونسۇ ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى جىنخۇا يېڭى كەنتىگە كىرگەن چېغىڭىزدىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان سۇ كوچىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىدى.

«2012 ـ يىلى كەنتىمىز بۇ يەرگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، ھەممە يەر قاقاسلىق بولۇپ، زەيكەش ئۆستەڭدىن تارىلىۋاتقان سېسىق پۇراققا بەرداشلىق بەرگىلى بولمايتتى، ھازىر بۇ يەر 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولدى» دېدى 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، كىچىكىدىن جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ «ئاساسىي گەۋدىسى» بولغان ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدە چوڭ بولۇپ، ھازىر ئونسۇ بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يارمەمەت تۇرغۇن.

كەنتكە كىرگەن چېغىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا تۈز كەتكەن، رەتلىك پىلانلانغان كوچىلار، پورەكلەپ ئېچىلغان رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەر، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم كارىدورى نامايان بولاتتى، ئىككى تەرىپىدە چىرايلىق گۈللەر ۋە ياپيېشىل كۆكتاتلىق ئوراپ تۇرغان پۇقرالار تۇرالغۇلىرى بار ئىدى. ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان بېلىق تۇتۇش باغچىسىدىن مېۋە ـ چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى تارالغان ئۈزۈش باغچىسىغىچە، ئۇسلۇبى ئاددىي دېھقانلار ھويلىسىدىن سەھرا پۇرىقىغا تولغان ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى مەركىزىگىچە، خاس يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىغىچە... جىنخۇا يېڭى كەنتىدە ماڭغاندا، كىشىلەر بۇ يەرنىڭ مەنزىرە رايونى ياكى كەنت ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي قالاتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ جىنخۇا يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى جېڭكەي خۇددى داڭلىق ساياھەت يېتەكچىسىگە ئوخشاش كەنتتە مۇجەسسەملەنگەن كىشىلەرنىڭ غەيرەت ـ شىجائىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇردى. بۇ، بېلىق، كۆكتات بىللە بېقىلىدىغان ۋە ئۆستۈرۈلىدىغان ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئۇ، مور تېرىقچىلىق بازىسى بولۇپ، يىراقتىكىسى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسى ئىدى... جەنۇبنىڭ ئاق بامبۇك غولى، شۈەنليەنى، جىنشيەنليەنى، جيايۈسى، شياۋلۇڭشياسى قاتارلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى، جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى مول، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولۇپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە دېھقانلارنى بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلەپ يېزا ـ كەنت يېڭى كەسىپلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئەتراپتا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش كۆلىمى چوڭ، خاس زىرائەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قولايلىق بولۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەسەل كەسپىنى زورايتىش شەرتىنى ھازىرلىغان. بۇ يىل، مەن چىلان چېچىكى ھەسىلى، نەشپۈت چېچىكى ھەسىلى، ئالما چېچىكى ھەسىلى ئاساسىدا يەنە چۈچۈكبۇيا ھەسىلى، مامكاپ ھەسىلى، يانتاق ھەسىلىنى ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى جىنخۇا يېڭى كەنتىگە ماكانلىشىپ توردا ئالقىشلانغان، شىنجاڭ مىجيې قارا ھەرە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇيفاڭ.

«بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مور ئۆستۈرۈشكە ھەم ئۇنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشقا ماس كېلىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەن ئىككى يىلدا نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەرلىكلەرمۇ، باشقا يۇرتلۇقلارمۇ بار، ئۇلار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا مور ئۆستۈردى» دېدى ئاقسۇ جوۋشىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن تېخنىكى لى خۇڭشۈن.

جىنخۇا يېڭى كەنتىدە، مۇخبىر باشقا جايدىن كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن نۇرغۇن يېڭىچە دېھقانلارنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، پۇقرالار تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىش ياكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشقان باشقا جايدىن كەلگەن دېھقانلار، بەزىلىرى بۇ يەرنىڭ قاتنىشىنىڭ قولايلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، يەنە بەزىلىرى كېلىپ ئەمەلىي مەشىققە قاتنىشىپ بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى توپلىنىپ، ئادىمى كۆپ، يېرى ئاز جىنخۇا يېڭى كەنتىدىكى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىغا ئىگە قىلدى، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىلىرىمۇ يېڭىچە دېھقانغا ئايلاندى. 37 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇنىياز تۆمۈر بۇ بىرنەچچە كۈندە ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قەشقەرنىڭ بۇغدىيى پىشاي دەپ قالدى، كونا خېرىدارلىرىم ماڭا تېلېفون قىلىپ ئورما ئورۇشنى ئالدىن كېلىشىپ قويدى.» ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى كومبايىن بار بولۇپ، بۇلتۇر 6 ـ، 7 ـ، 8 ـ ئايلاردا بۇغداي ئورۇشتىن 8 ـ، 9 ـ ئايلاردا كۆممىقوناق ئورۇشقىچە، ئاندىن 10 ـ ئايدا شال تېرىشقىچە 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

«كەنتىمىز ئون يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە 460 ئائىلە بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 702 ئائىلە بار. يېزا ـ كەنت كەسپى گۈللىنىپ، قابىللارنىڭ كۆپلەپ جەلپ قىلىنىشى بىلەن، ھەر خىل شەكىلدىكى بېيىش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىپ، كەنت خۇددى پۈتمەس ـ تۈگىمەس ئالتۇن كانغا ئايلاندى. قاراڭلار، ئالدى تەرەپتىكى راۋاقلىق دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە <ئىستىراھەت ئارامگاھى>، <ئۆرپ ـ ئادەت تۇرالغۇسى> قاتارلىق ۋىۋىسكىلار ئېسىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى پۇقراۋى قونالغۇ ئاچىدىغان ئائىلىلەر.» جىنخۇا يېڭى كەنتىدە ئۇزاق يىل كەنت كادىرى بولغان تۇردى تۇنىياز مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەچ كىرىشى بىلەنلا يول بويىدا ياكى ھويلىدا مۇشۇ كەنتتىكىلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى 300 گە يېقىنلىشىدۇ، پۈتۈن كەنتتە يەنە 70 يۈرۈشتىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، سايمانلىرى بار».

جىنخۇا يېڭى كەنتى «چولپان كەنت»كە ئايلانغاندىن كېيىن، پات ـ پات باشقا جايلاردىكى يېزا ـ كەنت كادىرلىرى تەجرىبە ئۆگەنگىلى كېلىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ قانداق قىلىپ بىلىملىك، تېخنىكا بىلىدىغان، ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ماھىر، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان «يېڭىچە دېھقان»لارنى توپلىغانلىقىنى بىلگۈسى كەلدى.

جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئايرىم مىسال ئەمەس. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش داۋامىدا، 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيە (شەھەر)سىدىن ئۈچنى، ئۈلگە كۆرسىتىش يېزا (بازار)سىدىن 14نى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن 211نى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاقسۇدا يېڭىچە دېھقانلارنىڭ سەھنىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.