جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى | مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىپ، ئېگىزلىكتە «كۆك-تاق»لىق بەرپا قىلدى

日期:2022年05月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، لۇ فېڭباۋ

«بۇزۆھرە، ليەنخۇابەي 70 كىلوگىرام؛ ئانارگۈل، خاڭگا 76 كىلوگىرام...» 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدا، كىچىك تىپتىكى بىر مىنىبۇستاكۆكتات سېتىۋېلىنىۋاتاتتى، خىزمەتچى خادىم بىر تەرەپتىن كۆكتاتنى جىڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىلاتتى،ياندىكى يەنە بىر خىزمەتچى خادىم بىر-بىرلەپ خاتىرىلەۋاتاتتى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى. (5-ئاينىڭ 16-كۈنى تىزگىنەكىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

مۇخبىر جاۋ جىڭ فوتوسى

«بۇزۆھرە، ئائىلەڭلار بۇلتۇر تېرىغان كۆكتاتتىن قانچە پۇللۇق ساتتىڭلار؟» جىڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كانسۇ بازىرى قىزىلسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئانارگۈل شات بىلەن بۇزۆھرە مەمەتجۈمە پاراڭغا چۈشتى.

«ئائىلىمىزنىڭ ئىككى كۆكتات پارنىكىدىن 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتۇق»دېدى بۇزۆھرە پارنىكتىكى ياپيېشىل كۆكتاتلارغا قاراپ. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن خۇشاللىقى چىقىپتۇراتتى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدىكى پارنىكتا ئەمگەك قىلماقتا.

مۇخبىر جاۋ جىڭ فوتوسى

ئەمەلىيەتتە، 2008-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇزۆھرە كۆكتات تېرىشنى ئەسلا بىلمەيتتى، ھەتتا كۆكتاتنىمۇ ناھايىتى ئاز يەيتتى، ئۆزىنىڭ كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۆرىتوقاي يېزىسىنىڭ ئايغارق كەنتىدە بولۇپ، چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. 2008-يىلى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايىغا كۆچۈپ كەلدى.

ئەينى چاغدا، بۇزۆھرەنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ يەر تېخى قاقاسلىق ئىدى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىر، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنتايىن جاپا چېكىپ،زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شېغىل بىلەن قاپلانغان قاقاسلىقنى پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇردى.

لېكىن، ياسىلىپ بولغان ۋە تېخى ياسىلىۋاتقان پارنىكلارغا قاراپ بۇزۆھرە: «بىز دېگەن قوي باقىدىغان تۇرساق، قاقاسلىققا كۆكتات تېرىساق، بولامدىغاندۇ؟» دەپ غودۇرىدى.

پۈتكەندىن كېيىنكى كۆكتات پارنىكى دەسلەپتە ئەسلىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسى مايقاق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ پارنىكتا بىللە ئەمگەك قىلدى ھەم ئەمدىلا قامچىسىنى تاشلىغان چارۋىچىلارنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، باشقۇرۇش كومىتېتى تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، 2019-يىلى 4-ئايدا 590 پارنىكنى «مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش» بويىچە 590 ئائىلىدىكىبۇزۆھرەگە ئوخشاش كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىغا ھۆددىگە بەردى. ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۈچ نەپەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكى ئەۋەتتى، كانسۇ بازىرى بەش نەپەر كادىرنى ئاجرىتىپ، پارنىكلارغا بېرىپ چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات تېرىشى، مېۋە ئۆستۈرۈشىگە قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كانسۇ بازىرى يەنە چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ «ياخشى تېرىيالايدىغان، سېتىپ چىقىرالايدىغان» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدىكى پارنىكتا ئەمگەك قىلماقتا.

مۇخبىر جاۋ جىڭ فوتوسى

بۇزۆھرە ئائىلسىگە بىر كۆكتات پارنىكى تەقسىم قىلىندى، شۇ يىلى مۇشۇ بىر تۈردىلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم بولدى. پارنىكتىن تاپقان پۇلنى كۆرۈپ بۇزۆھرەنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ئۈچۈن 20 تۇياق قوينى ھەيدەپ، تاغدا بىر يىل چاپمىسا بولمايتتى، ئەگەر بىر يىللىقھوسۇل ياخشى بولمىسا، بۇنچە كۆپ پۇلنى ئەسلا تاپالمايتتى. تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇزۆھرە يەنە بىر كۆكتات پارنىكى، ئىككى ئۈزۈم پارنىكى ھۆددىگە ئېلىشنى قارار قىلدى.

كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلار پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كانسۇ بازىرى يەنە 590 پارنىكنى تۈرگە ئايرىپ پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 312 پارنىكقا كۆكتات تېرىيدىغان، 278 پارنىكتا مېۋىلىك دەرەخئۆستۈرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى قاقاسلىقنى بۈگۈنكى كۈندە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغان، ھەممە ياق يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، يەرلىك شوخلا، چىڭسەي، سىجىدوۋ، خاڭگا ھەمدە ئۈزۈم، سېرىق شاپتۇل، چىلان، ئەنجۈرلەر ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. پارنىك چارۋىچىلارغا كۆرۈنەرلىك كىرىم ئېلىپ كەلدى، 2021-يىلى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ يۈەن ئاشتى.

«ھازىر بىز تېرىغان كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى مەكتەپ، يېزا-بازار ئاشخانىلىرىغا سېتىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئەسلىدە كۆكتات تېرىشنى بىلمەيدىغان بىز بۇ پارنىكنى پۈتۈن ناھىيەنىڭ <كۆك-تاق>ىغا، <مېۋە تەخسىسى>ىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى بۇزۆھرە.