جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى | مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار پارنىكتا كۆكتات تېرىپ، ئېگىزلىكتە كۆكتاتلىق بەرپا قىلدى

日期:2022年05月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، لۇ فېڭباۋ

«بۈزۆھرە، ليەنخۇابەي 70 كىلوگىرام؛ ئانارگۈل، 76 كىلوگىرام خاڭگا... » 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدا، كىچىك تىپتىكى بىر مىنىبۇس كۆكتات سېتىۋېلىۋاتاتتى، خىزمەتچى خادىملار بىر تەرەپتىن كۆكتاتلارنى جىڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئېغىرلىقىنى توۋلاۋاتاتتى، ياندىكى خىزمەتچى خادىملار بىرمۇبىر خاتىرىلەۋاتاتتى.

   ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى (5- ئاينىڭ 16- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىڭ فوتوسى

«بۈزۆھرە، بۇلتۇر تېرىغان كۆكتاتلىرىڭىزنى قانچە پۇلغا ساتتىڭىز؟» جىڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كانسۇ بازىرى قىزىلسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئانارگۈل ساۋۇت بىلەن بۈزۆھرە مەمەتجۈمە پاراڭغا چۈشتى.

« بىز ئىككى كۆكتات پارنىكىدىن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق» دېدى بۈزۆھرە پارنىكتىكى ياپيېشىل كۆكتاتلارغا قاراپ، ئۇنىڭ گېپىدىن خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

5- ئاينىڭ 16- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدىكى پارنىكتا ئەمگەك قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىڭ فوتوسى

ئەمەلىيەتتە، 2008- يىلىدىن بۇرۇن، بۈزۆھرە كۆكتات تېرىشنى ئەسلا بىلمەيتتى، ھەتتا كۆكتاتنىمۇ ناھايىتى ئاز يەيتتى، ئۆزىنىڭ كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تېخىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۆرىتوقاي يېزىسىنىڭ ئايغات كەنتىدە بولۇپ، چارۋا بېقىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. 2008- يىلى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايىغا كۆچۈپ كەلدى.

ئەينى چاغدا، بۈزۆھرەنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ يەر تېخى قاقاسلىق ئىدى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تاشلىق قاقاسلىقنى پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇردى.

ئەمما، ياسىلىپ بولغان ۋە تېخى ياسىلىۋاتقان پارنىكلارغا قاراپ، بۈزۆھرە: «بىز چارۋا باقىدىغان تۇرساق، چۆللۈكتە كۆكتاتنى قانداق تېرىيمىز؟ » دەپ ئىككىلەنگەنىدى.

پۈتكەندىن كېيىنكى كۆكتات پارنىكلىرى دەسلەپتە بىر تۇتاش ئەسلىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسى مايقاق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ پارنىكتا ئەمگەك قىلدى ھەم ئەمدىلا قامچىسىنى تاشلىغان چارۋىچىلارغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، باشقۇرۇش كومىتېتى پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، 2019- يىلى 4- ئايدا 590 پارنىكنى «مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش» بويىچە بۈزۆھرەگە ئوخشاش كۆچۈپ كەلگەن 590 چارۋىچى ئائىلىسىگە ھۆددىگە بەردى. ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۈچ يېزا ئىگىلىك تېخنىكى ئەۋەتتى، كانسۇ بازىرى بەش كادىرنى ئاجرىتىپ، پارنىكلارغا بېرىپ چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات تېرىشى، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشىگە قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كانسۇ بازىرى يەنە چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ «ياخشى تېرىپ، ياخشى باھادا سېتىپ چىقالايدىغان» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   5- ئاينىڭ 16- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدىكى پارنىكتا ئەمگەك قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىڭ فوتوسى

بۈزۆھرە ئائىلىسىگە بىر كۆكتات پارنىكى تەقسىم قىلىندى، شۇ يىلى مۇشۇ بىر تۈردىلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. پارنىكتىن تاپقان پۇلنى قولىغا ئالغاندا، بۈزۆھرەنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش ئەگىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تاغدا 20 قوينىڭ كەينىدىن بىر يىل مېڭىشىغا توغرا كېلەتتى، ئەگەر ياخشى تۆل ئالالمىغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىپ قالسا، بۇنچىلىك پۇلنىمۇ تاپالمايتتى. تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۈزۆھرە يەنە بىر كۆكتات پارنىكى، ئىككى ئۈزۈم پارنىكى ھۆددىگە ئېلىشنى قارار قىلدى.

كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلار پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كانسۇ بازىرى يەنە 590 پارنىكنى تۈرگە ئايرىپ، 312 پارنىكتا كۆكتات تېرىش، 278 پارنىكتا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى، ئىلگىرىكى چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە يېشىللىققا پۈركەندى، مېۋىلەرنىڭ ھىدى ئەتراپقا تارالدى، يەردىن چىققان شوخلا، چىڭسەي، يېسسى پۇرچاق، خاڭگا، شۇنداقلا ئۈزۈم، سېرىق شاپتۇل، چىلان، ئەنجۈر قاتارلىقلار ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇردى. پارنىكمۇ چارۋىچىلارغا خېلى كۆپ كىرىم ئېلىپ كەلدى، 2021- يىلى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ يۈەن ئاشتى.

«ھازىر بىز تېرىغان كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى مەكتەپ، يېزا- بازار ئاشخانىلىرىغا سېتىلدى، ئەسلىدە كۆكتات تېرىشنى بىلمەيدىغان بىزلەرنىڭ بۇ يەردىكى پارنىكلارنى پۈتۈن ناھىيەنىڭ <كۆكتاتلىقى> <مېۋەزارلىقى>غا ئايلاندۇرىدىغانلىقىمىزنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز» دېدى بۈزۆھرە.