​«يېيىلغان» كەنتىنىڭ تاشلىرى ناخشا ئېيتالايدۇ

日期:2022年05月25日
来源:天山网
【字体:

نەچچە مىڭ مو چۆللۈكتە پورەكلەپ ئېچىلغان مەنىۋى گۈلدىن بېيىش مېۋىسى چۈشتى

​«يېيىلغان» كەنتىنىڭ تاشلىرى ناخشا ئېيتالايدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، سۇڭ ۋېيگو

«بوران چىقسا تاشلار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، ھەممىلا يەردە گىياھ ئۈنمەيدۇ» بۇ، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى چۆللۈك.

لېكىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىدە، ئىلگىرىكى چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە ياپيېشىل تۈسكە كىردى. كۆز يەتكۈسىز شاپتۇل دەرەخلىرى، ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى سايە تاشلاپ، مەي باغلاپ پىشىش ئالدىدىكى دانە - دانە مېۋىلەر كۆچەتلەر ئارىسىنى زىننەتلىگەنىدى، مېۋىلىك دەرەخلەر ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بۇغدايلار لەرزان يەلپۈنۈپ، باشاق چىقىرىشنى كۈتۈۋاتاتتى.

بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم بارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن ياراتقان چۆللۈكتىكى مۆجىزە ئىدى.

«يېيىلغان» دېگەن سۆز «كەڭ كەتكەن بوش يەر» دېگەن مەنىدە. كۆلىمى 24 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يېيىلغان كەنتىنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ - كىچىك تاشلار بىلەن قاپلانغان قاقاسلىق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر پەقەت بىر مودىن ئارتۇقراق ئىدى، بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىغاندىن باشقا، قوي - كالا بېقىپ بىر يىل جاپا تارتسىمۇ، ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى.

ئەگەر سىزدە قاقاس چۆللۈكنى بويسۇندۇرغۇدەك جاسارەت بولمىسا، ئۇ ئاشۇ جايدا سوزۇلۇپ يېتىپ، قەلبىڭىزدىكى جاراھەت ئىزىغا ئايلىنىدۇ.

«دېھقانلار كىشى بېشىغا بىر مودىن ئارتۇقراق توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپلا تۇرمۇش كەچۈرسە، كەنتتە ئۈمىد بولمايتتى، تىرىشىپ باقسا، بەلكىم يەنە <پارلاق ئىستىقبال>غا ئېرىشەلىشى مۇمكىن.» 2018 - يىلى، شۇ چاغدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئادىل ئەلى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن قايتا - قايتا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، چۆللۈكتە يەر ئېچىش، چۆللۈككە يۈرۈش قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش، تۇپراقنى ئۆلچەپ تەھلىل قىلىش، دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بارىن ئۆرۈكى، قىزىل ئالۇچا، شاپتۇل، يېمىش جىگدىنى ئاساس قىلغان خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولاتتى.

يەر يۈزى پۈتۈنلەي تاش بولۇپ، بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولىسىمۇ يەنىلا تاش چىقاتتى، بۇ خىل ئەھۋالدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككىگە چۈشتى. «چۆللۈككە تىككەن كۆچەت ئەي بولسا، قۇلىقىمنى كېسىپ بېرىمەن» دېدى بەزى كەنت ئاھالىلىرى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە بايرىقىنى چۆللۈككە قادىدى. پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى گۈرجەك ۋە جوتۇ ئېلىپ، قۇم - بوران ۋە پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي پۈتۈن كۈن ئىشلىدى. كەچتە، ئۇلار يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «ئېكولوگىيەلىك ھېسابات» ۋە «ئىقتىسادىي ھېسابات»نى ئىنچىكە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە چۆللۈككە بېرىپ كۆچەت تىكىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

«پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن قوللىرى قاپىرىپ، تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ سويۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا قاراپ ئىچى سىيرىلدى، يەنە نېمە دەيمىز، بىللە ئىشلەيلى!» يۇرتداشلار گۈرجەكنى كۆتۈرۈپ چۆللۈككە قاراپ ماڭدى.

ئورەك كولاش، تىندۇرۇش، شېغىل تاسقاش، توپا ئالماشتۇرۇش، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش، كۆچەت تىكىش... ھەر كۈنى دۇچ كېلىدىغان چوڭ - كىچىك تاشلار ئالدىدا، ھەربىر خىزمەتنى غايەت زور جاسارەت بىلەن جاپالىق تىرىشىپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەتجان ئەيسا قولىنى چىقاردى، ئۇنىڭ ئالىقىنىدىكى قاداق ھەم قېلىن، ھەم قاتتىق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ چۆللۈكتە كۆپ يىل گۈرجەك تۇتۇپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى.

تۆت يىلدا، تەرلەر چۆللۈككە تامچىلىدى، تاشلاردىن «گۈل»لەر ئېچىلدى، يېيىلغان كەنتىدىكى چۆللۈك «كۆكىرىپ» شاپتۇل چېچىكى ماكانىغا ئايلاندى. 2021 - يىلىغا كەلگەندە، باغۋەنچىلىك بازىسىدىكى 5100 مو مېۋىلىك دەرەخ شامالدا يەلپۈنۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»ىگە ئايلاندى.

«مەن ئون مو يەردىكى شاپتۇل دەرىخىنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇلتۇر 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل شاپتۇل دەرىخى كۆپ مېۋىلىدى، كىرىمىم چوقۇم بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى ياقۇپجان.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتتىكى 62 دېھقان ئائىلىسى باغۋەنچىلىك بازىسىنى ھۆددىگە ئالدى، بۇلتۇر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ھالبۇكى توپا ئالماشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان زور مىقداردىكى قۇم - شېغىل يەنە ئىككى قۇم - شېغىل زاۋۇتىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ ئىككى يىلدا، يېيىلغان كەنتى باغۋەنچىلىك بازىسىنى مەركەز قىلىپ، شىمال تەرەپتە مايسا يېتىشتۈرۈش، باغۋەنچىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، جەنۇب تەرەپتە سۇ ئۈستى باغچىسى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق ساياھەت كەسپىنى يولغا قويۇپ، شەرق تەرەپتە باقمىچىلىق، سويۇش، پىششىقلاش، رەڭلىك خىش، شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىش مەشىق بازىسى قاتارلىق بېقىندى كەسىپلەر توپىنى ئۇزارتىپ شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى... ئىلگىرى بوران چىقسا تاشلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان چۆللۈك كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى «گۆھەر ماكان»غا ئايلاندى.

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلار يېيىلغان كەنتىدە سەيلە قىلىۋاتاتتى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا بالىلارنىڭ سەبىي، خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، ھولىستېين سۈت كالىسى، سىمېنتال كالىسى ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق فېرمىسىدا بىمالال ئايلىنىپ يەم - خەشەك يەۋاتاتتى، قۇرۇلۇۋاتقان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياشلارغا تولۇپ تاشقان ئۈمىد بېغىشلىغانىدى... «ئىلگىرى بۇ يەرگە ھېچكىم كېلىشنى خالىمايتتى، ھازىر مۇھىتى شۇنداق گۈزەل، ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكىلەر ئوينىغىلى كېلىپلا قالماي، ھەتتا ئاتۇش شەھىرىدىكى كىشىلەرنىمۇ بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى.» ياقۇپجان بۇ سۆزنى قىلغاندا چىرايىدىن پەخىرلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

«نۇرغۇن ئىشنى پۇل بىلەن قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما چۆللۈكنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇشقا ئوخشاش بۇنداق ئىشنى جاسارەت بولمىسا، پۇل بولسىمۇ قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ خىل روھنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە ئىككى - ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى چۆللۈكنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى پىلانلىدۇق.» بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئابلەت ئابدۇكېرىم چۆللۈكنى ئۆزگەرتىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چۆللۈكتە بىر خىل ئۇلۇغ روھ ئۇنى ۋە ئەترەت ئەزالىرىنى تەر تۆكۈپ، ئۇدا كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىۋېتىپتۇ.

باغۋەنچىلىك بازىسىدىن ئايرىلغاندا، مۇخبىرلار «يېيىلغان توغراق قورۇقى»نىڭ سىرتىغا شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ توختىتىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنلىكى، بالىلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىككە قاراپ يۈگۈرۈپ، پىشقان ئۈجمە ئىزدەۋاتقانلىقى، كۈلكە - چاقچاقلارنىڭ ئورمانلىقتا ياڭراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ چاغدا چۆللۈكتىكى ھەربىر تاش خۇددى ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك قىلاتتى.