پارتىيە ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، ياخشى ياردەمچى بولدى

日期:2022年05月24日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرىدىكى پارتىيەلىك كادىر تاغچى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە گىلاس ئۈزۈشۈپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ياچېيكا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، گىلاس، بەيشياڭگو، ئەنجۈر قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ۋۇ لې فوتوسى

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر (سولدىن 1-كىشى) چىنەباغ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە توغاچ شاپتۇل ئۈزۈشۈپ بەرمەكتە.

ۋۇ لې فوتوسى

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار دېھقانلارنىڭ قاپاق كاۋىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇشىغا ياردەملەشمەكتە.

مېڭ جاۋپېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ جاڭاجەر يېزىسى ئالغا باسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پارنىكتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا مايسىلىرىنى رەتلىشىگە ياردەملەشمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچا تاغ يېزىسىنىڭ ئويتۇر كەنتىدە، كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا مايسىلىرىنى پۇتىشىغا ياردەملەشمەكتە.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تېرىقچىلىق كۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان بىخلىرىنى سىيرىش خىزمىتىنى تاماملىشىغا ياردەملەشتى.

رىزۋانگۈل فوتوسى

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى سەككىز ئوتاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەتئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېچىتىلىدىغان يېشىل ئوغۇت ياسىماقتا. يېقىندا، بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا ـ بازارلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېشىل ئوغۇت ئېچىتىپ ياساش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، باغ ـ ئورمانچىلىقتا ئوغۇتلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىگە ئوغۇت خىراجىتىنى تېجەپ بېرىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سەنداۋبا بازىرى ئون ئىككى تۈتۈن غەربىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئېتىزدا كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ قوغۇن شاخلىرىنى پۇتىماقتا.

سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى