بىر پارچە كونا سۈرەتتىكى نۇرغۇن يېڭى ھېكايە

日期:2022年05月24日
来源:天山网
【字体:

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە يېڭى، كونا قىياپەت سېلىشتۇرما قىلىنغان كۆرگەزمە تاختىسى بار −

بىر پارچە كونا سۈرەتتىكى نۇرغۇن يېڭى ھېكايە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، لۇ فېڭباۋ

«ھۈسەنجان دوختۇر، مەن ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئالتە يىل ئىلگىرى سىز ماڭا ئاسما ئوكۇل سېلىپ قويغان.» 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەمەتتۇردى ھەيدەر ئاقتۇ ناھىيەسى چارلۇڭ بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا دورىگەر ھۈسەنجان ئىمىننى ئۇچرىتىپ قالدى، ئىككىيلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەچ قىزغىن پاراڭلاشتى.

ئۇ ئىككىسى تۇنجى قېتىم 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كۆرۈشكەنىدى، ئۇ چاغدا چارلۇڭ بازىرى تېخى چارلۇڭ يېزىسى ئىدى، ھۈسەنجان چارلۇڭ يېزىسىنىڭ قايىز كەنتىدىكى بىر كېسەك ئۆيدە مەمەتتۇردى ۋە باشقا بىرنەچچە كەنت ئاھالىسىگە ئاسما ئوكۇل سېلىپ قويغانىدى.

«سىلەر ھۈسەنجان دوختۇر ماڭا ئاسما ئوكۇل سېلىپ قويغان جايدا ئاسما ئوكۇلنى ئاسقۇدەك بىرەر ئاسقۇچنىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسىنىڭ تامدىكى مىخقا ئېسىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيسىلەر» دېدى مەمەتتۇردى مۇخبىرغا.

2019 - يىلى 10 - ئايدا، ئىككى قەۋەتلىك، ئەسلىھەلىرى تولۇق بىر دوختۇرخانا چارلۇڭ بازىرى كوئېنلۇن جيايۈەندە قۇرۇلدى. ئەسلىمە قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا دوختۇرخانىنىڭ يېڭى، كونا قىياپىتى سېلىشتۇرما قىلىنغان كۆرگەزمە تاختىسى ئورنىتىلدى، مۇخبىر كۆرگەزمە تاختىسىدا بىر پارچە كونا سۈرەتنى كۆردى: سۈرەتتە كېسەك ئۆينىڭ تېمىغا بىر قاتار مىخ قېقىلغان، مىخقا بەش دانە ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسى ئېسىلغان بولۇپ، دوختۇر ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئاغرىقلار ئۇچىسىغا پاختىلىق چاپان كىيگەن، پاختىلىق يوتقانغا ئورانغان بولۇپ، تۆت ئادەم ئۇزۇن ياغاچ ئورۇندۇقتا قىستىلىپ ئولتۇراتتى، مەمەتتۇردى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

مەمەتتۇردى ئەينى ۋاقىتتا تېخى قايىز كەنتىدىكى قوي بېقىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان چارۋىچى ئىدى. قايىز كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن موتوسىكلىت مىنىپ ئىككى سائەت يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، قارا يامغۇر ياغسىلا يوللار بۇزۇلۇپ كېتەتتى.

«كەنت ئاھالىلىرى تاش ئۆيدە تۇراتتى، كۆل سۈيى ئىچەتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد پادا بېقىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، خۇددى مەڭگۈ تاغدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغاندەك ئىدى» دېدى مەمەتتۇردى.

2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاقتۇ ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئالتە يېزا - بازار - مەيدان، 28 مەمۇرىي كەنتتە ئولتۇراقلاشقان 2557 ئائىلە باشقا جايغا كۆچۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1665 ئائىلە كوئېنلۇن جيايۈەنگە كۆچۈپ كىردى. باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى يېڭى ماكاندا يىلتىز تارتقۇزۇش، كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى «سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلىش، چارۋا بېقىشقا ماس كەلسە چارۋا بېقىش، دېھقانچىلىققا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىش، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش» پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كوئېنلۇن جيايۈەندە دوختۇرخانا، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئولتۇراق رايوندىن چىقماي تۇرۇپلا ئوقۇش، كېسەل كۆرسىتىش، مەھەللە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەمەتتۇردىدىن ئىبارەت بۇ «پادىچى بالا» بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، «خىزمىتى بار، پارنىكى بار» يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، كوئېنلۇن جيايۈەندە، مەمەتتۇردىغا ئوخشاش تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىققان «پادىچى بالا»لارنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتى: 2012 پارنىكقا سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان كۆكتات تېرىلدى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قەرەللىك ھالدا كۆكتات پارنىكلىرىغا كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا كالا، قويلار خاتىرجەم يەم - خەشەك يەپ يۈرىدۇ؛ يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ؛ 86 دۇكانغا ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يېڭى ئارزۇسى يۈكلەنگەنىدى...

ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مەمەتتۇردى ئولتۇراق رايوننى پىيادە ئايلاندى، مەھەللە مەيدانىدا ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى نومۇر تەييارلاۋاتاتتى، قىزغىن كەيپىياتتا ئېيتىلغان ئۆلەڭ ناخشىسى (قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئادەتتە توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام، يىغىلىشلاردا ئورۇنلىنىدۇ) يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر كىشىنى جەلپ قىلاتتى؛ بىرنەچچە ياشانغان كىشى مەدەنىيەت كارىدورىدا بەھۇزۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى؛ مەكتەپتىن قايتقان بالىلار مەكتەپتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلىشەتتى، ئويۇن ئوينىشاتتى، قوغلىشاتتى؛ مەمەتتۇردىنىڭ يېنىدىن پات - پات پىكاپلار ئۆتۈپ كېتەتتى، ماشىنا دېرىزىسىدىن ئىچىگە قارىغىنىدا، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىگە ئوخشاش قامچا ئوينىتىدىغان ھەمراھلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رول تۇتۇپ، ئۆزى خالىغان جايلارغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قارىغىنىدا، مەمەتتۇردى ھازىرقى تۇرمۇشىنى ئاشۇ كونا سۈرەتتىكى مەنزىرە بىلەن ناھايىتى تەستە باغلىدى. ئۇ كوئېنلۇن جيايۈەننىڭ جاي - جايلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن سۈرەتلەرنى قولىغا ئېلىپ تۇرمۇشىدا يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.