يېقىندا، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرىنىڭ پارنىك ئۈزۈمى «خۇڭبالادو» ئالدىنئالا بازارغا كىردى، پارنىكقا كىرگەندە، مەرۋايىتتەك «خۇڭبالادو» ئۈزۈملىرى شاخلاردا ساڭگىلاپ، كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. ئىگىلىنىشىچە، «چىلگىدىنمۇ بالدۇر پىشىش» − «خۇڭبالادو» ئۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەن، بۇ سورت پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدىغان باشقا چىلگە ئۈزۈملەرگە سېلىشتۇرغاندا، 20 كۈن بالدۇر پىشىدىكەن، ئاق يەر ئۈزۈملىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن ئۈچ ئاي بالدۇر پىشىدىكەن، پوستى نېپىز، ئېتى چۈرۈك بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.