ئۆرۈك پىششىقى مەزگىلى كەلدى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەدرىجى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئۆرۈكلەر كەڭ كۆلەمدە پىشتى، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن سودىگەرلەر ئۆرۈك سېتىۋالغىلى كەلدى. 5- ئاينىڭ 11- كۈنى، غولبويى يېزىسىنىڭ قەسقىر كەنتىدە، ئۆرۈك سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر ئۆرۈكلۈك باغدىن بايىلا ئۈزۈلگەن يېڭى ئۆرۈكلەرنى ئىلغاپ ۋە تۈرگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. دېھقانلار پىشقان ئۆرۈكلەرنى ئۆرۈك سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ سېتىۋاتاتتى.

غولبويى يېزىسىنىڭ قەسقىر كەنتىدىكى ئاق كىشمىش، سۇلتان ئۆرۈكلەر پىشىپ، سېتىشنىڭ ئاۋات پەسلىگە كىردى، تېخى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مېۋە- چىۋە بازىرىنى تالىشىشتەك كۈچلۈك «ئەلپازى»نىمۇ ئايان قىلدى.

بېيجىڭدىن كەلگەن بىر سېتىۋېلىش سودىگىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆرۈك ئېلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ھەر يىلى ئۆرۈك پىششىقىدا، ئۇ توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ ئۆرۈك سېتىۋالىدۇ. بۈگۈن ئۇ بۇ يەردە ئۇدا ئۈچىنچى كۈنى ئۆرۈك ئېلىۋاتاتتى، ئۇ ھەر كۈنى بىر توننا ئەتراپىدا ئۆرۈك سېتىۋېلىپ، ئاساسلىقى بېيجىڭدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرىغا ساتىدۇ.

تۇرپاندىن كەلگەن سېتىۋېلىش سودىگەرى مۆمىن روزى مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بۇ يەردە ئۆرۈك سېتىۋالىمەن، كۈندە بىر توننىدىن ئىككى توننىغىچە ئۆرۈك سېتىۋالىمەن، سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى. مەن يەنە بۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۈزۈپ كېلىنگەن ئۆرۈكلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ئوراپ قاچىلاشقا ئىشلەتتىم، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولۇپلا قالماي، يەنە كىرىمىمۇ ئاشتى.»