خوتەندە بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بار

日期:2022年04月29日
来源:天山网
【字体:

ۋاڭخۇڭ رىياسەتچىلەر تەربىيەلىنىپ يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچى بولدى

خوتەندە بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بار

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خوتەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

[ئىستون سۆزى]

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «باغچە رايونلىرىنى زىيارەت قىلىش» «يېزا - كەنتلەرگە نەزەر» «خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش» «مىكرو خاتىرە»دىن ئىبارەت تۆت يۈرۈشتىن تەركىب تاپقان «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» ئىستونىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك دەۋر يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«بۇ سۈت تەملىك قەغەز ياڭاق سىن ئاستىدىكى كىچىك سېرىق رەڭلىك ھارۋىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئۇلانمىسىدا، ياقتۇرىدىغانلار دەرھال چېكىپ سېتىۋېلىڭلار!» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خوتەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا، ئامانگۈل ئەركىن شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ تونۇشتۇرۇۋاتاتتى، ئۇ يەنە پات - پات سەنئەت ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامانگۈل تۇرۇۋاتقان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى باشقا يەتتە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىمۇ بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئاۋازلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ، نەق مەيدان ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.

23 ياشلىق ئامانگۈلنىڭ تۇنجى خىزمىتى «رىياسەتچىلىك» بولدى. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئۇ ئېكران ئالدىدا قىلچە تەمتىرىمەيدىغان بولدى. «بۇ يىل 4 - ئايدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا 1 - پەسىللىك رىياسەتچىلەرنى تەربىيەلەش باشلاندى، مەن سىناپ بېقىش ئويى بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم» دېدى ئامانگۈل.

2021 - يىلى نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئامانگۈل شۇ جايدىكى بىر تاراتقۇ شىركىتىدە سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىدىغان رىياسەتچى بولۇپ، بەلگىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش تەجرىبىسى ۋە ئاساسىغا ئىگە بولغانىدى. ئۇ رىياسەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، مەستانىسى بىر كۈندىلا 9000 ئادەمگە كۆپەيدى، تەربىيەلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن رىياسەتچىگە ئايلاندى.

سەككىز كۈندە، ئامانگۈل بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتقاندا ئېكرانغا قانداق چىقىش، سېتىشنى قانداق تېزلىتىشتا ئۆزىنىڭ پىششىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى. دېھقانچىلىق ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئامانگۈل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، ئۈنۈمى - رولىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى.

ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خوتەن ۋىلايىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىختىساسلىقلىرى ئەمەلىي مەشىق بازىسى بەرپا قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېڭ يۈنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى 11 - ئايدا، خوتەن ۋىلايىتى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي مەشىق بازىسىنى بەرپا قىلىپ، «خوتەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى»نى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىدىن جەمئىي 17 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەلىدى.

شۇ كۈنى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا قىسقا سىن ئىشلەش بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىمۇ ئوخشاشلا قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئىككى يۇمىلاق شەكىللىك نۇر تولۇقلاش چىرىغى ئاستىدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەش يېتەكچىسى ليۇ كېچېڭ قولىغا مەھسۇلاتنى ئېلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىۋاتقان ھالەتنى كۆرسىتىۋاتاتتى، بىر چەتتە ئولتۇرغان دىلنۇر مەخمۇت يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ، يېتەكچىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتكەندىكى سۆزلەش ماھارىتىنى تەقلىد قىلىۋاتاتتى، سۆزلىرى ئانچە راۋان بولمىسىمۇ، ئەمما قىزغىن ھېسسىياتقا تولغانىدى.

«ھەربىر كۇرسانت ناھايىتى تىرىشىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىلىمگە بولغان تەشنالىقنى كۆردۈم» دېدى ليۇ كېچېڭ. بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن ئىشلەش، تىجارەت قىلىش... نەزەرىيە+ئەمەلىي مەشغۇلات دىلنۇرغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ «يېڭى يۇلتۇز»لارنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كۈچىگە ئايلاندۇردى.

«ياڭاق، چىلان، گۈلقەنت... خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەممىسى يەرلىك گۆھەرلەر. مەن ئۆگىنىدىغان يەنە ناھايىتى كۆپ يېڭى بىلىملەر بار، ياخشى ئۆگىنىپ بولسام يۇرتۇمنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچى بولالايمەن» دېدى دىلنۇر.

چېڭ يۈنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2021 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 5 مىليارد 913 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31.25 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 45 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %37.06 ئاشتى. 2017 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ %428.3كە يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولۇپ قالدى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 2095 مەيدان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش 1037 مەيدان، سېتىلىش زاكاس سانى 547 مىڭ 900 بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش سوممىسى 40 مىليون 77 مىڭ 400 يۈەنگە يەتتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <ئېلېكتىرونلۇق سودا 100 كىشىلىك ئۆمىكى>نى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا خىزمىتىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى چېڭ يۈنلۇڭ.