قىشتا قابا ناھىيەسىنىڭ ئاق قېيىنزار مەنزىرە رايونى بۆلەكچە قىزىپ كەتتى

日期:2022年02月22日
来源:天山网
【字体:

قابا ناھىيەسى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە ئاق قېيىنزار مەنزىرە رايونىدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەتتە كوچا ئويۇنى، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، ئەنئەنىۋى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەك، مىللىي ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەك مۇكاپاتىنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە «تەنھەرىكەت باش تېما كۆرگەزمە رايونى»، «خىيالىي دۇنيا كارىدورى كۆرگەزمە رايونى»، «مۇھەببەت باش تېما كۆرگەزمە رايونى»، «پانۇس تېپىشمىقى تېپىش رايونى»، «ۋاقىت تونېلى رايونى»، «جۇڭگو ئارزۇسى كۆرگەزمە رايونى»، «12 مۆچەل كۆرگەزمە رايونى»، «ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك ماي قاچىلاش پونكىتى» قاتارلىق سەككىز كۆرگەزمە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئويۇن- تاماشا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايدا سۈرەتكە چۈشۈشنى ئۇنتۇپ قالماي، قار- مۇز خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 قابا ناھىيەسى ھەر ئايدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، ھەر ھەپتىدە باش تېما بولۇش، ھەر كۈنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، «ئاق قېيىنزار بىلەن ئۇچرىشىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئەتىيازلىق مارافونچە يۈگۈرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باغ سەيلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قابا ناھىيەسىگە ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

 مەنبە: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى