خېجىڭ دېھقانلىرىنىڭ ساۋمېي ئۆستۈرۈشتە ئەپچىل چارىسى بار

日期:2022年02月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي يۈەن

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى چاچا كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئاھالىسى خې داگاڭنىڭ ساۋمېي پارنىكىدا، ساياھەتچىلەر خۇشال ھالدا ساۋمېي ئۈزۈۋاتاتتى.

«ساۋمېينى ئۈزگەندە ئېھتىيات قىلىڭلار، ساۋمېينىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىغا زەخمە يەتكۈزمەڭلار، ئۈزۈپلا يېيىشكە بولىدۇ.» خې داگاڭ ساياھەتچىلەرگە ساۋمېي ئۈزۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلىغاچ ئەمدىلا ئۈزگەن ساۋمېيلارنى ئىلغاۋاتاتتى.

خې داگاڭ چاچا كەنتىنىڭ مېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش باشلامچىسى بولۇپ، 15 يىللىق ساۋمېي ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، خې داگاڭ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتىكى بىكار تۇرغان 36 پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، ساۋمېي ۋە جۇسەي، لازا، چىڭسەي قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى. ئۇ ئۆزى پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى 20 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«باھار بايرىمىدىن بۇرۇنلا ساۋمېي بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، ھەر كۈنى دېگۈدەك مېھمانلار كېلىپ ساۋمېي ئۈزۈۋاتىدۇ.» خې داگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا ساۋمېي ئۆستۈرسەك بىر يىلدا 300 مىڭ يۈەن پايدا ئالاتتۇق، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ساۋمېي ئۈزۈش ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ، يىللىق كىرىمىمىز 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

ياخشى سۈپەتلىك ساۋمېي ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشتىن كېلىدۇ، خې داگاڭ مەخسۇس بىر يەشىك ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ چاڭلاشتۇرۇشقا ئىشلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساۋمېي قايسى ۋاقىتتا چېچەكلەيدۇ، ھەرىنى قايسى ۋاقىتتا قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چېچەكلەپ چاڭلىشىش مەزگىلىدە، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، چېچەككە بىر تامچە سۇ تېمىپ كەتسىمۇ، مېۋىسى غەلىتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

خې داگاڭنىڭ پارنىكىغا يېڭىلا كىرگۈزۈلگەن «قەھۋە» «شياڭيې» قاتارلىق يېڭى سورتلۇق ساۋمېيلار زىچ ئۆستۈرۈلگەنىدى. ساۋمېي سېتىۋېلىش - سېتىش كەسپى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان خې داگاڭ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا ساۋمېي سېتىش تورى بەرپا قىلدى، قاتار - قاتار پارنىكلار «ئالتۇن تاۋاق»قا ئايلاندى، خې داگاڭ ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«2018 - يىلىدىن باشلاپ، مەن پارنىكتا ئىشلىدىم، بىر كۈندە 150 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن، يەنە ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن» دېدى چاچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىم راخمان خۇشال ھالدا.

يالغۇز بۇلا ئەمەس، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمۇدۇن بازىرى ئارىل كەنتىدىكى تېرىقچى ئاھالە لۇ ياڭنىڭمۇ ساۋمېي ئۆستۈرۈشتە «مەخپىي ماھارىتى» بار.

لۇ ياڭ بۇ كەنتتىكى خېجىڭ شىۋاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى زىيانسىز شەكىلدە ساۋمېي ئۆستۈرىدۇ، ساۋمېي مايسىسى خېبېي ئۆلكىسىدىن كىرگۈزۈلگەن زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن مايسا بولۇپ، ئۆستۈرۈش جەريانىدا مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلىدۇ، ھاشارات يوقىتىشتا ھاشارات جەلپ قىلىش تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېي بىخەتەر، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ساۋمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەمدىلا قۇرۇلغان چاغدىكى 30 مودىن ھازىرقى 103 موغا كۆپەيدى، ساۋمېي كەينى - كەينىدىن پىشىپ بازارغا سېلىنىپ، ئۈرۈمچى، كورلا، سانجى قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.» لۇ ياڭ پەخىرلەنگەن ھالدا ھەر مو يەردىكى ساۋمېيدىن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمىز، دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارۇن خارمۇدۇن بازىرىدا بۇ يىل 315 مو يەرگە ساۋمېي ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ساۋمېي شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «بەخت مېۋىسى»گە ئايلانغان.

تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، خېجىڭ ناھىيەسى ئۇدا ئالتە نۆۋەت ساۋمېي مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ساۋمېي قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ساۋمېي ئۈزۈش ئاساس قىلىنغان ئىستىراھەت، سەيلە قىلىش، ئۈزۈش ساياھىتى جانلىنىپ، تېرىقچىلىق ئاھالىلىرىنىڭ ساۋمېي سېتىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

«بۇ يىل ناھىيە بويىچە ساۋمېي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 820 توننا ئەتراپىدا بولۇشى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 16 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى» دېدى خېجىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لېي فۇرۇڭ.