قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە بىر شاللىق كەنتى بار

日期:2021年11月20日
来源:天山网
【字体:

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىدىكى چالغۇلار ئائىلىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، خۇشال - خۇرام ھالدا بىر يەرگە جەم بولدى.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىرلار خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىدە، پۈتۈن كەنتتىكى 219 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى ئوراپ تۇرغان 1800 مودىن ئارتۇق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئورغاقسىمان شال ئېتىزىنى كۆردى. چالغۇلار ئائىلىسى، رۇيى كەشتىخانىسى، شاللىق پولۇخانىسى، قۇملۇق ئائىلىسى كاۋاپخانىسى... ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە دېھقانلار ھويلىلىرى شاللىق كەنتىنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

شاللىق كەنتى ئۇزاق شال ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان گۈرۈچ دانلىق ھەم قىزىل سىزىقچىسى بار بولۇپ، بازاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. لېكىن ئىلگىرى بىرقەدەر تارقاق تېرىلغانلىقى ئۈچۈن، ھوسۇلى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە شاللىق كەنتىدە شال ئېتىزلىرى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە قۇملۇق شال ئېتىزى مەنزىرىسى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى بۇ كەنتنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

ئىلگىرى «قۇم بارخانلىرى» چوخچۇيۇپ تۇراتتى، بۈگۈنكى كۈندە «خۇش پۇراقلىق شاللىق»قا ئايلاندى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا بەرگەن تەسىرى ئاساسەن قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولۇپ، بۇ يەردىكى بوستانلىقتىن ئەلا سۈپەتلىك شال چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

ئابلىمىت ئەخمەتتوختىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىسىدە، كەنتتىكى ھەممە ئائىلە شال تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، شالدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن شال ئېتىزىغا كىرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ شال ئورۇشۇپ بېرەتتى.

شاللىق كەنتى قاراشلىق خانئېرىق بازىرى شىمالىي كەڭلىك 37 گىرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى شال تېرىشتىكى ئالتۇن كەڭلىككە تەۋە.

«كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى شالنى تارقاق تېرىيتتى، پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى تۆۋەن، مو بېشى ھوسۇلى يۇقىرى ئەمەس ئىدى» دېدى شاللىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋفېڭ.

شاللىق كەنتىدىكى ئۆزگىرىش 2021 - يىلى بەرپا قىلىنغان 1800 مودىن ئارتۇق مەركەزلىك بىرتۇتاش كەتكەن شال ئېتىزىدىن كەلگەن.

«بىز يەرنى ئوبوروت قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى ئۈلگە كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، شال ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ شال تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق» دېدى جاۋ شياۋفېڭ. بۇ يىل، شاللىق كەنتىدە شالنىڭ ئۆسۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 520 كىلوگىرامغا يەتتى.

ئابلىمىتنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ شال پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا ئون يىل بولدى. بۇ يىل، كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ياردىمىدە، ئابلىمىت يېڭى زاۋۇت ئۆيى سالدى. «ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوراش - قاچىلاش رايونى مۇستەقىل بولۇپ، يەنە تەجرىبە رايونى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلدۇق، تاۋار ماركىسىنى تىزىملاتتۇق، ئورالمىنى لايىھەلەتتۇق» دېدى ئابلىمىت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، «كەنتىمىزدىكى شالنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ئىلگىرى مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى

ئىلگىرىكى شاللىق كەنتى ھەققىدە توختالغاندا، 62 ياشلىق مەتقۇۋان ئىمىنتوختى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ئىلگىرى بۇ يوللارنىڭ ھەممىسى توپا يول ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى ھويلىسىغا ئوتۇن، ئوت - چۆپلەرنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قوياتتى، قوتان ۋە ھاجەتخانىلار قالايمىقان سېلىناتتى...» دېدى.

شاللىق كەنتى 315 - دۆلەت يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى رايونىغا قوشنا، قۇملۇق ئوراپ تۇرغان، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى. بۇ يىل 7 - ئايدا، خوتەن ناھىيەسى 70 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ شاللىق كەنتىنى ئۆزگەرتىپ، خوتەن ناھىيەسى يېزا - قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ يولغا قويدى، شاللىق كەنتى «غىزالىنىش، قونۇش، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان مىللىي ئۆرپ - ئادەت خاس كەنتىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى.

جاۋ شياۋفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن كەنتتىكى 219 ئائىلىلىكنىڭ تۇرالغۇسى ئۆزگەرتىلىپ، ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئەندىزىسى ئاساسىدا، ئەسلىدىكى تونۇر، كاتەك، ھويلا قاتارلىق دېھقانلار ئائىلىسى ئامىللىرى ساقلاپ قېلىنىپ، يەرلىك قىياپىتى ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىندى. كۆپچىلىك ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى كوللېكتىپ كېڭەشتى، ئەمگەك كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆيمۇئۆي، ھويلىمۇھويلا بويىچە ئۆي ئىچىنى ئاددىي بېزەش، ھويلا - ئارانلارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى قاتارلىق ھويلا ئىچى، ئۆي ئىچىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

كەنت ئاھالىسى پاتىمە مەتقاسىمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، مېھمانخانا، ياتاق ئۆيگە ھەر خىل كەشتە بۇيۇملىرى تىزىلغان بولۇپ، ئاق چاقچۇق چاپلانغان يۈز يۇيۇش تەكچىسى تولىمۇ پاكىز ئىدى. پاتىمەنىڭ كەشتىچىلىك ھۈنىرى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، شاللىق كەنتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيى رۇيى كەشتىچىلىك دۇكىنى قىلىپ قۇرۇلۇپ، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. «بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنلا، ئۈچ تۈركۈم مېھماننى ئۇزاتتىم» دېدى پاتىمە.

«قاراڭ، ھەربىر ئائىلە ئارىسىدىكى ھويلا تېمىنىڭ ئېگىزلىكى .2 1 مېتىر ئەتراپىدا، ئۆيدىن چىقمايلا قوشنىلار ئۆزئارا سالاملىشىپ تۇرالايمىز، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى.» بۈگۈنكى شاللىق كەنتىنى مەتقۇۋان تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى.

ئىلگىرى «يانچۇقى قۇرۇق» ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ھەميىنى تومپايدى

«سائەت 10دىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ھازىرغىچە بىكار بولالمىدىم.» بۇ شۇ كۈنى سائەت 20دە، كونا تونۇر پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ لوبىنى مەتتۇرسۇن ئالاۋۇدۇننىڭ خوتۇنىنىڭ «بەخت» ئىچىدىكى كوتۇلدىشى ئىدى.

مەتتۇرسۇن ئىلگىرى خانئېرىق بازىرىنىڭ كۇما كەنتىدىكى «پاراۋۇز ئاشخانىسى»دا ئىشلىگەن، شاللىق كەنتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۇ كەنتكە قايتىپ كېلىپ، ئىشىكى ئالدىغا تونۇر سېلىپ، سامسا ساتتى. «ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە كۈنىگە 1200دىن ئارتۇق سامسا يېقىپ، 3600 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.» مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن سۇيۇقئاش، تونۇر كاۋىپى، پولۇ چىقىرايمىكىن دەۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى، سودام بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ».

جاۋ شياۋفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شاللىق كەنتى «بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ، بىر پىلان، بىر ئۆيدە بىر قورۇ، بىر خاسلىق، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر، بىر كەسىپ ھالىتى بولۇش» تەپەككۇرى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرى ئىگىلىگەن ماھارەت ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

كەنت ئاھالىسى ھاجىگۈلنىڭ ئۆيى كەنت ئېغىزىدا بولۇپ، ئۇدۇلىدا شال ئېتىزى بار. ئۇ ئۆيىدىكى ئىككى ئېغىز ئۆينى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتتى، يەنە بىر ئېغىز ئۆينى دۇكان قىلىپ ئاچتى. «بۈگۈنكى كۈندە، ئېرىم ئىككىمىز ئايدا 7000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمىز» دېدى ھاجىگۈل.

«شاللىق كەنتى <بىرتۇتاش ئىگىلىك باشقۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تىجارەت قىلىش، سۈپەتلىك ماركىنى ئاساس قىلىش، دېھقانلار قاتنىشىش، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش>تەك ھەمكارلىق تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرىدۇ» دېدى جاۋ شياۋفېڭ.

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش كېرەك.» جاۋ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن».