تېز يوللانمىنى كەنتكە يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» راۋانلاشتۇرۇلدى

日期:2021年11月05日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگوپوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق شۆبە شىركىتى مەركىزىي تارماق ئىدارىسىنىڭ تېز يوللانما خادىمى ساۋ شياۋچياڭ يەتكۈزۈلىدىغان تېز يوللانمىلارنى رەتلىمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) پوچتا يوللانمىسى، تېزيوللانمىنى كەنتلەرگەيەتكۈزۈشتىكىقاراڭغۇ نۇقتا،تېز يوللانمىنىيېزىلىق ھۆكۈمەتكىلا يەتكۈزۈپ، كەنتكە يەتكۈزۈلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ھەرقايسى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا قولايلىق تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى تۆت يېزا، بىر بازىرىدىكى22 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە تېز يوللانمىنى كەنتكە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، پوچتا تېز يەتكۈزۈش خادىمى ساۋ شياۋچياڭ پوچتا ماشىنىسىنى ھەيدەپ يېزا-كەنت يولىدا ماڭماقتا.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگېداخۇ يېزىسى بىرلەشمە كەنتىدە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش خادىمى ساۋ شياۋچياڭ بىر بوۋاينىڭ پوچتا يوللانما ئۇچۇرىنى تولدۇرۇشىغا ياردەملەشمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، پوچتا تېز يەتكۈزۈش خادىمى ساۋ شياۋچياڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈي بازىرى دۇڭگوبىي كەنتى خېشىڭ بېيچېڭ داگۇەن ئولتۇراق رايونىغا تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بەردى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، پوچتا تېز يەتكۈزۈش خادىمى ساۋ شياۋچياڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈي بازىرى دۇڭگوبىي كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بەردى.