قىياپەت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر كەلدى

日期:2021年11月01日
来源:天山网
【字体:

  [يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتى]

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ ۋېيليەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر، بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى سىدىق قۇرباننىڭ ھويلىسىدا ھەر خىل دېھقانچىلىق قوراللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كىچىك كۆكتاتلىقتاكۆكتاتلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى، ئايال ساھىبخان چاققانلىق بىلەن بالىلارغا ناشتىلىق تەييارلاۋاتاتتى.

  «ھويلىمىز ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنداق پاكىز، رەتلىك بولۇپ باقمىغان، بۇنىڭ ئۈچۈنبىز كەنت كادىرلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز!» دېدى سىدىق ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىلدىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەسى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ مۇھىتتىكى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، سۇنى ياخشىلاپ، ھاجەتخانىلارنىئۆزگەرتىپ، كەنت يوللىرىنىقاتتىقلاشتۇرۇپ، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

بۈگۈر بازىرى«پارتىيە تەشكىلاتى + پىدائىيلار ئەترىتى + كەنت ئاھالىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، پۈتۈن بازاردىكى كادىرلار ھەر بەش كىشى بىر ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ھويلا-ئاران مۇھىتى تازىلىقىنى تۈزىدى، «بىر ئائىلە بىر بۆلەكنى تۈزەش، بۆلەك يەرلەر ئارقىلىق پۈتۈن كەنتنى تۈزەش» ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى.

«ھازىر كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىنى پاكىز تازىلايدىغان، كەنتنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەنقاتنىشىدىغان بولدى» دېدى يىغىنباغ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ خۇڭبىڭ.

«ئەسلىدىكى سۈيى يوق ھاجەتخانىلاردا قۇرت-قوڭغۇز كۆپ ئىدى، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى سېسىقچىلىقتا تۇرغىلى بولمايتتى. ھازىرقى ھاجەتخانىلار ناھايىتى پاكىز، قۇرت-قوڭغۇزلار كىرەلمەيدۇ، كۆپ پاكىز بولۇپ كەتتى» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ چۇمپاق يېزا دىنار كەنتىئاھالىسى يۈسۈپ مەمەت ئۆيىدىكى يېڭى سالغان ھاجەتخانا توغرىسىدا سۆزلەپ.

يۈسۈپ ئائىلىسىنىڭ ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نىڭ بىر ئىخچامكۆرۈنۈشى. ئىككىلىنىشتىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىشكىچە، قاراپ تۇرۇشتىن قاتنىشىشقىچە، پۇقرالارتەشەببۇسكارلىق بىلەنھاجەتخانا ئۆزگەرتتى. ھازىر، بۈگۈر ناھىيەسىدىكىيېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %82.6كە يەتتى. «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» پەقەت پۇراقنى ئۆزگەرتىپلاقالماي،تېخىمۇ مۇھىمى تازىلىق قارىشى، تۇرمۇش شەكلىنىتۈپتىن ئۆزگەرتتى.

بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى قاشبېشى كەنتىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. ئەمما بۈگۈر ناھىيەسىدىكى «ئۆرۈك چېچىكى كەنتى»نى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس، بۇنىڭ ھەممىسى كەنت قىياپىتى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاشتىن كەلگەن.

قاشبېشى كەنتى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان «ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى. دېھقانلار ئارامگاھلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلار يامغۇردىن كېيىنكىبامبۇك نوتىسىدەكئوتتۇرىغا چىقتى، كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى بۇنىڭ بىلەن «ساياھەتچىلىكتامىقى»نى يېدى. كەنت ئاھالىسى مەمەت مامۇت بۇنىڭ ئىچىدىكى نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. «ئۈچ يىل ئىلگىرى كەنتتە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ، بىراقلا نۇرغۇن ساياھەتچى كەلدى، مەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىلا بىر كىچىك تاللا بازىرى ئاچتىم،ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 4000 يۈەندىن ئارتۇق بولدى» دېدى مەمەت خۇشال ھالدا.

ئوخشاشلا، سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەنلەردىن يەنە بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى گۇەن شىڭشيامۇ بار. ئۇنىڭ «ئۆرۈك چېچىكى كەنتى»دە تىجارەت قىلىۋاتقان پۇقراۋى قونالغۇسىدا 48 ئېغىز ياتاق بار بولۇپ، 140تىن ئارتۇق كىشىنى كۈتۈۋالالايدۇ، ھەممىسى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان.

«ئۆرۈك چېچىكى كەنتىدە، ساياھەتچىلەرتەبىئەتكە سىڭىشىپ كېتىدۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىدۇ، پۇقراۋى قونالغۇدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىدۇ» دېدى گۇەن شىڭشيا. نۆۋەتتە، بۈگۈر ناھىيەسى 52 مەمۇرىي كەنتتە يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىتاماملىدى، 24 گۈزەل يېزا-كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلدى، 18 مىڭدىن ئارتۇق پاكىز ھاجەتخانا سالدى، 1070.5 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى رېمونت قىلدى، ياسىدى، دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنغانكۆلەم 20 مىڭ 300 موغا يەتتى.