بايىنغولىن ئوبلاستىدا يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدىن 117سى قۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

日期:2021年10月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدا يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدىن 117سى قۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئىلمىي تونۇش، ئادەم ۋە تەبىئەت، بىخەتەرلىك-ساغلاملىق، ئەقلىي تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت بەش چوڭ باش تېمىنى ھەمدە يېزا ـ كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇشتەك يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلىك نامايان قىلغان.

باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى پىكىر ئالماشتۇرماقتا. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەمىنلىگەن

2021-يىلى 5-ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى يېزا ـ كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ھازىرغا قەدەر،يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدىن 117سىگەتۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سايمانلىرىدىن 3727 دانە(يۈرۈش)سەپلىدى. يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە تۈرلۈك يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتىدىن 53نى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈلگە بازىسىدىن 146نى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسىدىن 195نى، دېھقانلار پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىشكىچىك ھويلىسىدىن83نى تەسىس قىلدى؛ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ۋە تۈرلۈك ئۇزارتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو»، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇشچان جۇڭگو»، «جۇڭگو رەقەملىك پەن-تېخنىكا سارىيى» قاتارلىق توردىن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەنبەلىرىنىكىرگۈزۈپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىدىن بىرىنچى ۋاقىتتا بەھرىلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، جايلاردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى بېيىتتى، نۆۋەتتە 15 چوڭ تۈردىكى 137 خىل پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەھسۇلات تۈرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېچىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى يەنە ھەر بىر يېزا ـ كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، شۇ جايدىكى پەن-تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا پىدائىيلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ مەسلىھەت سورىشىغا قولايلىق يارىتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇردى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي، ساغلام، مەدەنىي، ئالغا ئىنتىلىدىغانئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قەدىرلەشكە يېتەكلەپ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.»