​قەتئىي بوشاشماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2021年08月31日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​قەتئىي بوشاشماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەمەتنىياز ئىمىننىيازنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتى «كەسىپ + ئىگىلىك تىكلەش + ساياھەت»تىن ئىبارەت يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 1800دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. چېن چۈەنگو كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىغا كېلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى، تىككۈچىلىك دۇكىنى، ناۋايخانا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. كەنت ئاھالىسى مەمەتنىياز ئىمىننىياز بىر پاكىز سۇ زاۋۇتى قۇرۇپ، يىللىق كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى 22 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. چېن چۈەنگو ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھويلا - ئاران، ئۆيلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ھويلىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئوقۇش، كىرىم قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ شېرىن، تېخىمۇ ئۈمۈدكە تولدۇرۇپ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىنى چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىش، ئەمەلىي بېجىرىشنى، ئۇلارنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى تاپىلىدى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىدا، چېن چۈەنگو كىيىم - كېچەك تىكىش، كىۋارتىسلىق سائەت ئۆزىكى ياساش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، كىرىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولۇپ، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، بازار ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارغا، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق تەرەققىياتنىڭ ھەممىسىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، ھەممىسىگە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي، ساغلام بولغان، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئامما ئارىسىدا چوڭقۇرلىشىشى، ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلىشىشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ چىن ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا تەشۋىق - تەربىيە قىلىشقا چىن قەلبتىن تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.