ھەمراجان تىۋاخۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇتخەۋىرى: ھەمراجانتاشكەن باي ساز كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كىرىمى بىر خىللا ئىدى، ئۇ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تاپالمىغانىدى، تۇرالغۇ شارائىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى يەر تېرىش ئىدى، لېكىن يەنە تەبىئىي ئاپەتكە دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، بۇ پايدىسىز ئامىللارنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى باغاش ئەتتى.

  ھەمراجان ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2014-يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق بىر يىل بولدى. شۇ يىلى ئۇ تېرىغان 18 مو يەردىكى زىرائەت تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، ھوسۇل ئالالمىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق يېيىشى، ئۆزى قەرەللىك دورا يېيىشى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك ئىدى، بىراق كىرىم ئۈزۈلۈپ قېلىش بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، شۇ يىلى ئۇنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغاكىرگۈزدى، تۈرلۈك ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئاران قامدالدى.

  ھەمراجان مۇنداق دېدى:«ئۇ چاغلاردا پۇل يوق، ئۆيلەرمۇ كېسەك ئۆي ئىدى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلەرمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بالىلارنىڭ بىرەر چىرايلىق كىيىمىمۇ يوق بولۇپ، تۇرمۇش تولىمۇ قىيىن ئىدى».

  تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ھەمراجان ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئۇ ھەمىشە كىشىلەرگە نامرات ئائىلە بولۇش شەرەپلىك ئىش ئەمەس، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىمىز، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ تەييارغا ھەييار بولماسلىقىمىز كېرەك، دەيتتى. كېيىن، ئۇ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردى، يېڭى ئۆي كەنتنىڭ ئاساسىي كوچىسىغا يېقىن بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە ياردىمىدە، ئۇ قورۇدا بىر دۇكان ئاچتى، يەنە تەرەپ-تەرەپتىن پۇل توپلاپ ئىككى سېغىن كالا سېتىۋالدى، ماگىزىندا سۈت سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  ھەمراجان مۇنداق دېدى:«ئىككى سېغىن كالىدىن بىر كۈندە 25 كىلوگىرام سۈت سېغىۋالغىلى بولىدۇ، سۈتنى ماگىزىندا ساتىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن يەنە تىرىشىپ 5-4 كالا سېتىۋېلىپ كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن».

  تۇرمۇش مۇقىملاشتى، ھەمراجان دۇكىنىنى خوتۇنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سىرتتا شوپۇرلۇق خىزمىتىتاپتى، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. بىر ئاددىي كەنت ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمراجان بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ، كەنتتىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشئۈلگىسىگە ئايلاندى.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى