تۆگە يۇڭىنى «ئالتۇن»غا ئايلاندۇرۇش

日期:2019年01月29日
来源:天山网
【字体:

تاھىر قۇربان (ئوڭدا) ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەشغۇلات جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماقتا.

نۆۋەتتە، زاۋۇتتىكىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئىچكىرىگە ئەۋەتىدىغان بىر تۈركۈم تۆگە يۇڭى يوتقىنىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىر تالاي مەسىلىلەر ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. بۇلارنى ئويلىغان 50 ياشلىق تاھىر قۇربان ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى، ئۇ تېخى بايىلا تاغدىكى تۆگە فېرمىسىدا خىزمەتچى خادىملار يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى زاۋۇتقا قايتىۋاتاتتى. بۇ زاۋۇتنى ئۇ 22 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان بولۇپ، تۆگە يۇڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىپ، مىڭغا يېقىن يەرلىك ئاھالىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

تاھىرنىڭ تۆگە يۇڭى سېتىۋالىدىغان كىچىك تىجارەتچىدىن يىللىق سېتىش كىرىمى 20 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان كارخانا خوجايىنىغىچە بولغان جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش كەچۈرمىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇلۇغچات ناھىيەسى تۆگە باقمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدۇر. ئۇنىڭ كارخانىسى ناھىيەدىكى بىردىنبىر تۆگە يۇڭى پىششىقلاش ئىشلەش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زور تۈركۈمدىكى يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ تۆگە بېقىپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.