كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەم ئىشەنچلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى تېپىپ بەردى

日期:2019年01月17日
来源:新疆新闻在线
【字体:

ئاقسۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ يۇقارقى گىرىشمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ياغاچ كۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەم ئىشەنچلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى تېپىپ بەردى.

يۇقارقى گىرىشمئېرىق كەنتىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ 400 مو بولۇپ، چىلان، ياڭاق تېرىلغۇ كۆلىمى %85 نى ئىگىلەيدۇ. كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 13 نامرات ئائىلە بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تېخنىكا ۋە سېتىش يولى بولمىغاچقا، مېۋىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. 2018- يىلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن 13 نامرات ئائىلە كەنتنىڭ «خۇڭجىنجۇ» مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، ھەم تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقىم يولىغا ئىگە بولدى. نامرات ئائىلە رائىلە مۇنداق دېدى: مەن ئۆزىمىز ئۆستۈرگەن چىلانلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا سېتىپ بېرىمەن ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا تۆت ئاي ئىشلىدىم، ئايلىق ئىش ھەققىم 2 مىڭ 100 يۈەن بولۇپ، تۆت ئايدا 8 مىڭ 400 يۈەن ئىش ھەققى ئالدىم. يىللىق كىرىمىمىز 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بىر يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، ھۆكۈمەتكە رەھمەت.

«خۇڭجىنجۇ» مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ئۆمەر توختى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ سېتىش يولى ۋە ئۈسكۈنە مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، خادىم قوبۇل قىلىش ئاساسىمىز ھازىرلاندى  2018-يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا ئىككى ئايدا 40 ئادەم، چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا ئىككى ئايدا 25 ئادەم ئىشلىدى. ئىشچىلارغا تۆت ئايدا 350 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بەردۇق. چىلان، ياڭاقنىڭ ھەممىسىنى شاڭخەيگە ساتتۇق.

يېقىندا، خىزمەت ئەترىتى 200 مىڭ يۈەن مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتە ياغاچ كۆمۈر زاۋۇتى قۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنگاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قىش پەسلى، كاۋاپقا ياغاچ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجى بەك يۇقۇرى، ياغاچ كۆمۈرنىڭ بازىرى ياخشى. مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاپ بولغاندىن كېيىن دەرەخ شاخلىرىنى بىر تەرەپ قىلالمىغان ئىدۇق. دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىمۇ قويۇشقا بولمايتتى. ياغاچ كۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ چاتاپ چىققان مېۋىلىك دەرەخلىرى، مېۋە شاخلىرىنى ياغاچ كۆمۈر زاۋۇتىغا ئېلىپ بېرىپ ياغاچ كۆمۈر ئىشلەپچىقاردۇق. بىز يەنە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.