پەيزاۋات ناھىيەسى: شىنمېي ئۆستۈرۈش دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

日期:2020年05月28日
来源:天山网
【字体:

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاڭ تىڭ، پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرىياڭ گاڭخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە، پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرى دۆڭئېرىق كەنتىدىكى ئادالەت ئابدۇرېھىم ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ئالدىراش ھالدا ئۆزىنىڭشىنمېي ئېتىزىغابېرىپ بىر كۈنلۈك ئەمگىكىنى باشلىۋەتتى.

  ئادالەت ئۈچ مو كېلىدىغان يەردەشىنمېي ئۆستۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىنمېينىپۇتاپ، دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدىغان مەزگىل يېتىپ كەلدى.

  2017-يىلىدىن بۇرۇن، ئادالەت ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر پەقەت ئۈچ مو كېۋەزلىك ۋە ئىشلەمچىلىك كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئادالەت ئائىلىسى شىنمېي ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

  «دەسلەپتە شىنمېي تېرىغاندا، تېخنىكا ۋە تەجرىبەممۇ يوق بولغاچقا، ماڭا ئېغىر بېسىم بولغان ئىدى. پۇلنىڭ ھەممىنى دەسمىي سېلىپ بولغاندا زىيان تارتسام قانداق قىلارمەن،دېگەنىدىم» ئادالەت شۇ چاغلارنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

  ئادالەتنىڭ ئەندىشىسىناھىيە، يېزىدىكى ياردەم بېرىش كادىرلىرىغائايدىڭ ئىدى. ئادالەتكە ئوخشاش باشقا دېھقانلارنى شىنمېي ئۆستۈرۈشتىكى ئەندىشىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى تېخنىكا، بازار قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى.

  «تېخنىك خادىملار ھويلىمىزغا كېلىپ مېۋىلىك دەرەخنى چاتاش، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش قاتارلىق ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانداق مەسىلە بولسا نەق مەيداندا ھەل قىلىپ بەردى. كەنتتە يەنە دائىم دېگۈدەك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭئەمەلىي ئەھمىيىتى بولدى» دېدى ئادالەت.

  «بۇلتۇر شىنمېي شۇنداق ياخشى بابازار تاپتى، بۇ يىلمۇ مۆلچەرىمچە ئۇنىڭدىن ناچار بولمايدۇ.» ئادالەت خېلى ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى.

  نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 320 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، شىنمېي كەسپى بۇ ناھىيەنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى. پەيزاۋات ناھىيەسىدە، ئادالەتكە ئوخشاش شىنمېي ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان دېھقانلار ناھايىتى كۆپ.

  بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنمېينى تولۇقلاپ تىكىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. بۇ ناھىيە يەنە «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «پەيزاۋات شىنمېيسى» ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، مېۋە-چېۋە، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، ئوراش-قاچىلاش كەسپى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش بىر گەۋدە قىلىنغان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىدۇ.

  «شىنمېيباغلىرى ئېتىزلارنى يېشىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، بىزنىڭ ھەميانلىرىمىزنى تېخىمۇ تومپايتتى.» دېدى ئادالەت.