شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە 10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسى مايسىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلدى

日期:2020年05月27日
来源:天山网
【字体:

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىريۈەن يېخەۋىرى، فوتوسى): بىر يىلدىن كۆپرەك سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش ئارقىلىق،ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۇردېنىن بازىرىدا10 نەچچە مىڭ تۈپ قار لەيلىسىمايسىسى سۈنئىي ئۇسۇلدامۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلدى، ھازىر ئېتىزغا كۆچۈرۈپ تىكىش تاماملاندى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكىتاغلىق رايونغاجايلاشقان كۇردېنىن بازىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1100 مېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مو بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئېتىزى مۇنبەت، ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى تىيانشان يىبېي(天山伊贝)، قانتېپەر(党参)، قار لەيلىسى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن. كۇردېنىن بازىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋەساياھەتچىلىككە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، 20 مىڭ مو يەردىكى سوغىگۈل(贝母) تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئەلا سۈپەتلىك قار لەيلىسىتېرىشنى سىناق قىلغانھەمدە «قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپبېيىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

  كۇردېنىن قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چاڭخۇا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بىز بۇلتۇر 5-ئايداكۇردېنىن بازىرىغا بېرىپ نۇقتا تاللىدۇق، بىر قىسىم يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا باشلىدۇق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم تېرىش، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى 10 نەچچە مىڭ تۈپقار لەيلىسى مايسىسىنى ئەي قىلدۇق».

  «بىز بۇ 10 نەچچە مىڭ تۈپقار لەيلىسى مايسىسىنى ئېتىزلىققا كۆچۈرۈپ تىكتۇق، ھازىر بۇمايسىلارنىڭئۆسۈشى كۆزىتىلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى يەنە 100 مودىن ئارتۇق يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتۇق، كېيىنكى مەزگىلدە، قار لەيلىسى تېرىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز» دېدى ۋاڭ چاڭخۇا.

  قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش خىزمىتى ئەتراپتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كەنت ئاھالىسى مۇراتجان «قار لەيلىسىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى»دا ئىشلىگىلىيېرىم ئاي بولدى. مۇراتجان بۇ يەردەكۈنىگە 150 يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولدىھەمدە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. «ھازىر مەن بۇ يەردە تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىمەن، تېخنىكىغا پىششىق بولغاندىن كېيىن، ئائىلەمنىڭئېتىزلىقىغاقار لەيلىسى تېرىپ، كىرىمىمنىئاشۇرىمەن» دېدى مۇراتجان.

  ئىگىلىنىشىچە، سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگەن قار لەيلىسىنىڭ دورىلىق قىممىتى ياۋا قار لەيلىسى بىلەن تەڭ، ئەمما ئۆسۈش دەۋرى ياۋا قار لەيلىسىنىڭكىدىن قىسقا بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا قار لەيلىسىيېتىشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن، يەنە ياۋا قار لەيلىسى بايلىقىئۈنۈملۈك قوغدالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كۇردېنىن بازىرى قار لەيلىسى تېرىش كۆلىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا، دېھقان-چارۋىچىلارنى قانتېپەر، كەتىرا(黄芪)، قىزىلمارال(红景天)، ئەڭلىكئوت(紫草) قاتارلىقلارنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ھالدا تېرىقچىلىق قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۇردېنىن بازىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىچە ئىقتىسادىي دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق چوڭ بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.