شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرى تۆۋەنكى بىچاق كەنتىدە قىزىلگۈل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئىشخلا بازىرى رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قىزىلگۈل تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇردى.