كۈنەس ناھىيەسى: مايلىق مودەنگۈل «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندى

日期:2020年05月26日
来源:天山网
【字体:

    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرليۇ نىڭنىڭ، جاناتخەۋىرى): 5-ئايقۇياش ئىللىق نۇرىنى زېمىنغا چاچىدىغان، مودەنگۈل ئېچىلىدىغان مەزگىل. شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى 100 مولۇق مايلىق مودەنگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا، مودەنگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلدى. مايلىق مودەنگۈلنى تاماشا قىلىشقا بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان مايلىق دان گىرىم بۇيۇملىرى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېمەكلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، شۇڭا ئۇ دېھقانلارنىڭ قەلبىدىكى «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندى.

  يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرى تاقىر بۇلاق كەنتىدىكى مايلىق مودەنگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تۈپ-تۈپ مايلىق مودەنگۈللەرنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى، كۆپ قىسىم ئۆسۈملۈك تۈپىدىن ئاق، ھال رەڭ مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپگۈزەل تۈسكە كىردى، گۈلنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارقىلىپ، كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. يەردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، مايلىق مودەنگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا يەنە جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغانزاراڭزا كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، يەرنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

  مايلىق مودەنگۈل كۆپ يىللىق ئىقتىسادىي زىرائەت بولۇپ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا چېچەكلەپ ئۇرۇق تۇتىدۇ، 50 يىلغىچە ئېڭىز ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى تۆمۈرغوللۇق زىرائەت دەپ ئاتايدۇ. ھازىر كۈن دەل گۈل ئېچىلىدىغان چاغ، شۇنداقلا پەرۋىش قىلىدىغان مۇھىم مەزگىلبولۇپ،ئەتراپتىكى بىر قىسىم نامرات ئاھالىلەرۋەئەمگەك كۈچلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئېتىزلىقتا ئوت ئوتاپ، تۇپراقنى بوشىتىپ، ئائىلە كىرىمىنى خېلىلا ئاشۇردى.

  كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق يېزىسى تاقىر بۇلاق كەنتىدىن لى جۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە ئىشلىسەك، ھەر كۈنى 100 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمىز، ئۆيىمىزگىمۇيېقىن، يەنە كېلىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايمىز، بەك ياخشى بولدى».

  ئىگىلىنىشىچە، مايلىق مودەنگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىتوختاملىق تېرىش شەكلىنى قوللانغان،ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرگەندە، مايلىق مودەنگۈلنىڭ مو بېشى پايدىسى 4000 يۈەنگە يېتىدىكەن.

  كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق يېزىسى تاقىر بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز تېرىغان مايلىق مودەنگۈل بۇ يىل 3-يىلىغا قەدەم قويدى، پات يېقىندا ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىرىمىز،ھەر مو يەردىن 80 كىلوگرام ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، كېلەر يىلى مول ھوسۇل مەزگىلى بولۇپ، ھەر مو يەردىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن. تېرىقچىلىق جەريانىدا، ئەمگەك كۈچى تەكلىپ قىلىپئوت ئوتاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ».