شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېڭى ئارپا كەنتىدىكى كەنت قۇرغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا ياڭاق ئايرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ كوپىراتىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك قېقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىپ، شۇ جايدىكى 60 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.