«پەقەت تىرىشقاندىلا بەختلىك تۇرمۇشنى ياراتقىلى بولىدۇ»

日期:2020年05月26日
来源:天山网
【字体:

ھازىر دەل دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە بارغاندا،نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسىنى كۆپ ئاڭلايسىز. ئىلگىرىكى «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ»دىن ھازىرقى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گىچە، يېپيىڭى كەيپىياتلار خوتەن زېمىنىدا نامايان بولماقتا. بۇ كىشىلەردىكى غەيرەت ۋە ئىشەنچتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقان-چارۋىچىلارنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى شىنجاڭ قۇملۇق يىپەك يولى خوڭلىن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىپ، چىلاننىڭ بۇ يىللىقمەھسۇلاتى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

(فوتوگراف: جوۋ پېڭ)

خەدىچە مەمتىمىن خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر نامرات ئاھالە، بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭ جىنخۇارۇي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، بۇلاپكا ياساش ئىشچىسى بولدى. ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يېڭى كەلگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، كەسپىي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن زەنجىر، ماشىنا گۈلى قاتارلىقلارنى ياساشنى ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر بىر ئايدا 2500 يۈەن كىرىم قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى،كېيىنكى تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.»

2008-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان شىنجاڭ جىنخۇارۇي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىئابدۇمەمەت جاپپارنىڭ يەتتە نەپەر دېھقاننى يېتەكلەپ، بىرلىكتەئۈچ مىليون يۈەنمەبلەغ توپلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت پىششىقلايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئايدا ساتقان ئالتۇن مەھسۇلاتى ئاران 30 كىلوگرام ئىدى. ئۇلار بىر قانچە يىلدا كەسىپداشلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆرنەك قىلىپ، زامانىۋى تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ئايدا ساتقان ئالتۇن مەھسۇلاتىنى 150 كىلوگرامغا يەتكۈزدى، شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى ئەڭ دەسلەپكى يەتتە نەپەردىنھازىرقى 220دىن كۆپرەككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىدىن180 نەپەربار.

كېرەم تۇرسۇنتوختى بەش يىل بۇرۇن بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، زەنجىر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئىدى، بىر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالاتتى. ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «تىرىشساقلاگۈزەل تۇرمۇش بولىدۇ، مېنىڭ بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىم ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئىشىنىمەنكى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرىياخشى بولۇپ كېتىدۇ.»

كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا شياڭگۇ ئۈزمەكتە. خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى شۇشاڭ لاۋجۈن چەكلىك شىركىتىنى سايباغ يېزىسىغا ماكانلاشتۇرۇپ،قىشلىق شىياڭگۇ پارنىكىدىن 135نى قۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت يەرلىكتىكى 190 نەپەردىنئارتۇق نامرات كەنت ئاھالىسىنىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى (4-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).

(فوتوگراف:چىن مېيخۇا)

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىسى ئورنىش كەنتىدىن دېھقان روزى باقى ئىلگىرى ئىككى مو يېرىگىلاتايىنىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمەتنى ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، دەپلا ئويلاپ، ئۆزى قانداق قىلىپ تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى خالىمايتتى. بۇ كەنتتىكى دېھقان روزىتوختى ئابدۇللا گەرچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، كاللىسى ئۆتكۈر، ئىشچان، قابىل ياش ئىدى. ئۇنىڭ كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى بولغاچقا، ئۇكەنت كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. روزى باقى كوپىراتىپقا كىرگەندىن كېيىن،روزىتوختى ئابدۇللاغا ئەگىشىپ كۆكتات تېرىشنى ئۆگەندى. ھازىرقى تۇرمۇشىتىلغا ئېلىنغاندا روزى باقى مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلىسام بەك خىجىل بولىمەن، پەقەت ساقلاپلا ئولتۇرۇپتىكەنمەن. ھازىر كوپىراتىپتا ئىشلەپ، ھەر ئايدا 2100 يۈەن مائاش ئېلىپلا قالماي،يەنە بىر قائىدىنى چۈشەندىم، پەقەت تىرىشقاندىلا بەختلىك تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدىكەن.»

بۈگۈنكى كۈندە، كەنت بويىچە 62 ئائىلىلىك دېھقان 500 مو تېرىلغۇ يېرىنىھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشتى، 50 دېھقاننىڭ 30ى كوپىراتىپنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى، كەنتنىڭ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى جانلاندى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگەيېتىش ئىشەنچىتېخىمۇ ئاشتى.

ئەزىز ئابلىكىم خوتەن ناھىيەسىيېڭىئېرىق يېزىسى چوڭتېرەك كەنتىنىڭ كەنتئاھالىسى، 2018-يىلدىنبۇيان، ئۇ كەنت بېشىنىڭقۇملۇق بولۇشتەكجۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. گەرچە ئاز بولمىغان مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ، كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە توشقان زەدىكىسېتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

2019-يىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى پاي قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، توشقان بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. مەركەزلىك بېقىش ئارقىلىق توشقاننىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىندى. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئەزىز ئابلىكىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى، خوتەن ناھىيەسىدە توشقان باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى بەش نامرات ئائىلىنى يېتەكلەپ، توشقان بېقىش كەسپىنى باشلىدى.

مۇخبىر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى بازىرى بۇدا شاخلىق كەنتىدىكى ئاينىيازخان ئابدۇخالىق بىلەن كۆرۈشگىنىدە، ئۇنىڭ چېچىنى ئېگىز بوغقان، كىيىملىرى پاكىز، رەتلىك، ناھايىتى چاققان، ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئايال ئىكەنلىكىنى كۆردى. 30 ياشلىق ئاينىيازخان ئابدۇخالىق يالغۇز ئانا بولۇپ، ئىككى بالىسى بار، تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. 2018-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى بازىرىدىكى 10 مىڭ مو كۆكتات بازىسىغا ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىزىملاتتى. تۇنجى كۆكتات بازىسىغا ئىشقا چۈشكەندە، ئۇ جاپادىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمىدى، ھەرقانداق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بازامەسئۇلى ئۇنىڭدىن: «سۇغىرىش، سۇ تۇرۇبىسى ئۇلاش سەل قىيىن، بەك ھېرىپ كېتىسىز، ئىشلەشنى خالامسىز؟ بىراق، بۇ ئىشنىڭ باشقا ئىشقا قارىغاندا ئىش ھەققى بىر ھەسسە يۇقىرى» دەپ سورىدى.

«مەن خالايمەن، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايمەن، تېخنىكنىمۇ ياخشى ئۆگىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى ئاينىيازخان ئابدۇخالىق. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كۆكتاتلىقنى سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ھەر قېتىملىق سۇغۇرۇشتا سۇ قويۇپ بېرىش قىيىن ئەمەس، بەلكى سۇ تۇرۇبىسىنى ئۇلاش، ھەر بىر كىلاپاننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەس ئىدى. سۇ تۇرۇبىسى توم بولغاچقا، بىر جايدىن سۇ چىقىپ كەتسىلا، سۇ كۆپ چىقىپ كېتىپ، كۆكتات مايسىلىرىنى سۇ بېسىۋېلىش خەۋپى ۋە سۇ ئىسراپچىلىقى ئەھۋاللىرى كۆرۈلەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەربىر تېمىتىپ سۇغۇرۇش كىلاپانىنىئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈردى. سۇغىرىش ماھارىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مائاشىمۇ ھازىرقى 4000 يۈەنگە ئۆستى. 5-ئايدا، ئۇ 4200 يۈەن مائاش ئېلىپ، پۈتۈن بازىدىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «يەنىلا تېخنىكا ئۆگەنگىنىم ياخشىكەن، تېخنىكام بولسىلا كۆكتات بازىسىدىن چىقىپ كەتسەممۇ ئوخشاش خىزمەت تاپالايمەن، كۆپ كىرىم قىلالايمەن» دېدى.

مۇخبىر خوتەن ۋىلايىتىدە زىيارەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، بۇنداق ھېكايىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، بىز ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىۋاتقان ھالىتىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قازىنىدىغان كۈنلەرنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆردۇق.