كىچىك كەنتتىكى 28 دېھقانلار ئارامگاھىغا ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى يوشۇرۇنغان

日期:2020年05月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى( مۇخبىرىمىزخۇاڭ شىڭخەۋىرى، فوتوسى): يېرىم ئوچۇق ئايرىمخانا ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ئايرىمخانىنىڭ سىرتىدىكى بوش يەردەبىر مۇزىكىلىق فونتانپىژغىرىم ئىسسىقنىڭ تەپتىنى يۇقىتاتتى... 5- ئاينىڭ 15-كۈنى، كۇچا شەھىرىئىشخلا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدىكىئاستانە تائاملار سارىيىنىڭ خوجايىنىياسىن ئېزىز يېڭىدىن سېتىۋالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى تىزىپ بولغاندىن كېيىن، فونتانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «بۇ دېھقانلار ئارامگاھىنىبەش يىل بۇرۇنئاچقانىدىم، ھازىر 40 نەچچە كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى. ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم،مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلدىم» دېدى.

  كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەر ئەتراپى رايونىدىكىدېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇلارنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشتىكى مۇھىم كۈچ قىلدى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

  قۇمئېرىق كەنتى كۇچا شەھەر مەركىزىگە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، كۆكتات ۋە ئەنجۈر، توغاچ، ياڭاق قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. قۇمئېرىق كەنتى 2019-يىلى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2019-يىلى 8-ئايدا، قۇمئېرىق كەنتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇلۇش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ھازىر بۇ كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇدىن 28 ى بار.

  ياسىن ئېزىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى، لەڭمەنخانىدىكى شاگىرتتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، ئاشخانا خوجايىنى بولغۇچە، ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇ خىزمەتنى ئىزچىل تېخىمۇ قىممەتكە ئىگەقىلىشنى ئويلاپ كەلدى. بەش يىل ئىلگىرى، ھەرقايسى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ياسىن ئېزىز قۇمئېرىق كەنتىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. نەچچە يىلدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە ئېغىز ئايرىمخانا ۋە مېۋىلىك باغ، بېلىق كۆلچىكى، مۇزىكىلىق فونتان قاتارلىقلارنى ياسىدى.

  «مەنمۇ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، يولىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى باشلاپ بىللە ئىشلەشنى قارار قىلدىم. بەش يىلدا 40 نەچچە كەنت ئاھالىسى كەلدى، ئۇلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشتى. بەزى خىزمەتچىلەر، مەسىلەنئاشپەزلەرنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئايدا 8000 يۈەنگە يەتتى، مۇلازىملارمۇ 2000 يۈەن مائاش ئالىدۇ» دېدى ياسىن ئېزىز.

  قوشنا كەنتتىن كەلگەن گۈلنۇر تۇردى دېھقانلار ئارامگاھىغا بۇ يىل 3-ئايدا كېلىپ مۇلازىم بولدى. «مەن ھازىر ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئېلىۋاتىمەن، بىراقلا روھلىنىپ كەتتىم، مەن ئەمدى بۇرۇنقى بالا بېقىپ، ئۆي ئىشلىرىنىلا قىلىدىغان گۈلنۇر ئەمەس، ئۆيدىكىلەرمۇ مەن ئۈچۈن خۇشال بولدى. ھەركۈنى مەن پەخىرلەنگەن ھالدا باللىرىمغا ئاپاڭلار ئىشقا ماڭدى، دەيمەن» دېدى گۈلنۇر.

  بەييۈەن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ خوجايىنىئەمەر قۇربانمۇ شۇ جايدىكى بېيىش باشلامچىسى. «بۇ يەردە14 خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ تۆتى نامرات ئاھالە، ئۇلار مۇلازىم، تازىلىق ئىشچىسى بولغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 1500 يۈەندىن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ» دېدى ئەمەر قۇربان.

  بەييۈەن دېھقانلار ئارامگاھىدا، ساياھەتچىلەر يەنە شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنسە بولىدۇ. «بۇمۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى چارە، ئۇلار ساياھەتچىلەرگە ئېسىل تائاملارنى ئېتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ» دېدى ئەمەر قۇربان.

  كەنتتىكى ھەربىر دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، باغدا ۋەئۆيدە يەنە نۇرغۇن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، كونا بۇيۇملار تىزىلغان.

  ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى جاڭ يىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىدىن ناھايىتى رازى بولدى. «بۇ قېتىم كۇچادا ناھايىتى ياخشى ئوينىدىم، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى كۆردۈم، بۇ كەنتتە تۇرۇش ناھايىتى ياخشى تاللىشىم بولدى، خوجايىن كىشىلەرگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن، ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق ئىكەن، باغ ئىچىدە ئاۋاتلىقمۇ، جىمجىتلىقمۇ بار ئىكەن،گۈزەل شىنجاڭىمىزدىن ياخشى ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن» دېدى ئۇ.