ئابباس: تىرىشچانلىق بىلەن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش

日期:2020年05月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورىخەۋىرى (مۇخبىرىمىزگو ئەيچېڭخەۋىرى)5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى يۇقارقى كالكال كەنتىدىكى دېھقان ئابباس ئابلىزنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆيىدە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، سافا، چاي ئۈستىلى، شىمېڭسى كارىۋىتى قاتارلىق زامانىۋى ئۆي جاھازىلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى، ئۆينىڭناھايىتى نەپىسبېزەلگەنلىكىنىكۆردى.

مۇخبىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قاراۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئابباس ئابلىز مېۋە يۇيغاچ: «ھازىر تۇرمۇشۇم ياخشى، ئۆينى چىرايلىق زىننەتلەپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئالمامدىم» دېدى.

ئابباس ئابلىزنىڭ بۇ ياخشى روھىي ھالىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىدىنكەلگەنىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدا تۇغۇلغان ئۇئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەمچىل بولغاچقا، 2017-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ بېكىتىلگەنىدى. ئۇ نامراتلىققا كۆنۈپ قالغاچقا، پەرۋاسىزلىشىپ، ئۆيىدىلا ئولتۇرۇۋالىدىغان، پۇل تېپىش ئارزۇسى كەمچىل، ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

ئابباس ئابلىزنىڭ خوتۇنى پاتەم ھامۇت مۇخبىرغا ئابلىزنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىپ تەربىيەلىشىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 2018-يىلى، خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شيا ۋېيدۇڭئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

شيا ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: «قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، مەن ئابلىز ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتىم. بىز پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپيۆلىدۇق. ئالدى بىلەن ئۇنى كەنتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەتنىڭ ياخشى تەرىپىنى تولۇق ھېس قىلدۇردۇق. ئارقىدىنلا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ پارنىكتا كۆكتات-مېۋە ئۆستۈرۈش، يەم-خەشەك تېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق، ئۇنىڭغا قىشلىق قوتان سېلىپ بېرىپ، ئومۇمىي قىممىتى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىككى ئىنەك ئاپىرىپ بەردۇق.»

خىزمەت ئەترىتى ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىپ، تەربىيە ئىشلەپ، ئاخىرى ئابلىزنىڭ «قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن» قەلبىنى ئويغاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىشچان بولۇپ كەتتى. ئۆيىدىكى ئىككى ئىنەكنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، ئۇ كەنتتىكى باشقا باقمىچىلار بىلەن باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرغاندىن سىرت، يەنە دائىم چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىدىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. تىرىشىپ ئۆگەنگەچكە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى ئىنەك باشقىلارنىڭكىدىنتېز سەمرىدى.

نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئابلىز يەنە كەنتتە 48 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇغداي، قوناق تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇردى، يەنە ئۆيىدىكى كالىلارنى يېتەرلىك يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەپ، باقمىچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە ئابباس ئابلىز ئائىلىسىدە يەتتە قوي، تۆت كالا بار بولدى. خوتۇنى پاتەم ھامۇتمۇ بىكار قالمىدى، دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائىلىگە كىرىم ئېلىپ كىردى. 2019-يىلى ئابلىز ئائىلىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى ئىلگىرىكى 3800 يۈەندىن 8335 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىل ئاخىرىدا نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى.

ئابباس ئابلىز مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە تايىنىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزنى ئىشلىتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەمگەكچان ئىككى قولۇمنى ئىشقا سېلىپ، كۆپرەك كاللا ئىشلىتىپ، تەر ئاققۇزۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىمەن».