جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

日期:2020年05月19日
来源:新疆日报
【字体:

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

ليۇ يۇڭفۇ، شۆھرەت زاكىر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاڭ يۈنمېيخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ليۇ يۇڭفۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ليۇ يۇڭفۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق - تەلەپلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلىدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردىمىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. ليۇ يۇڭفۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى قەتئىي ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، يېڭىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كەلدى، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى پائال تۈگىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قېپقالغان ئون نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئون ئۆلكە، شەھەر ياردەم بېرىلىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاست بىلەن 2020 - يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى. دۆلەت سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. جېجياڭ ئۆلكىسى، تيەنجىن شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، شىنجاڭدىكى جېجياڭ كارخانىلىرى بىرلەشمىسى(سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى)، شىنجاڭ مېيفەن خۇائېر ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

شىنجاڭغا نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان - يۆلەۋاتقان مەركەزدىكى ئورۇنلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەم ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋېي شەنجۇڭ، فېڭ فېي، لى شۇچى، ئەركىن تۇنىياز، بادەي، جاڭ بو، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، پىكىر ئالماشتۇردى.