يەنجى ناھىيەسى: «كىچىك دۇكان» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىشىكىنى ئاچتى

日期:2020年04月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرئەزھەر، ما چىڭيەنخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ساغانچىكە يېزىسى موخورسۇم كەنتىدىكى ئاھالە ئەخمەتجان ئىسمائىلدۇكىنىغا كېلىپ، تازىلىق قىلىپ، ماللارنى رەتلىدى. ئايالى روزىخان تۇراخانمۇ ياندىكى تورت دۇكىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئۇلارنىڭ دۇكىنى كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدا بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىنى يەنجى ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پۇل ئىئانە قىلىپ قۇرغان. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىكەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دۇكان سېلىشنى قارار قىلدى ھەم قۇرۇلۇش قىلىنىپ توققۇز دۇكان پۈتكۈزۈلدى، ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئىجارىگە بېرىش شەكلى ئارقىلىق تىجارەت باشلاندى. كەنت ئاھالىلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىكەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتتى.

«مەن دۇكان ئاچىمەن، ئايالىم تورت دۇكىنى ئاچىدۇ، خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بەردى، يەنە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىش سوممىمىز500 يۈەن، كۆپ بولغاندا 1000 يۈەنگە يېتىدۇ. ئائىلىمىزدىكى 15 مو يەرنىڭ ھەر موسىنى 400 يۈەندىن ھۆددىگە بەردۇق، يىللىق ساپ كىرىمىمىز 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، خىزمەت ئەترىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن»»دېدى چېھرىدە بەخت جىلۋىلگەن ئەخمەتجان.