شىنجاڭدىكى «تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز»غا يوشۇرۇنغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەخپىيىتى

日期:2020年04月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزيۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلى جىڭخەي، خۇ گوكەيخەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۇڭ شۇاڭشۇاڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى دۇڭ يۆچياڭ پارنىكتىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلارنى ئوغۇتلاش، تاۋۇز پېلىكى جازىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پارنىكتىكى1200 تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن بۇ تاۋۇزلارنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە تەشتەك مەنزىرىسى ھاسىل قىلدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنەدېھقانلارنىڭ ھەميېنىنىتومپايتىدىغانمەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى.

پارنىكتىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار ياخشى ئۆسمەكتە.

تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى دۇڭ يۆچياڭنىڭ سەككىز يىللىق تاۋۇز تېرىش تەجرىبىسى بار. شۇ جايدا، ئۇ تېرىغان «سۈتلۈك تاۋۇز»نىڭ ناھايىتى داڭقى بار. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، «سۈتلۈك تاۋۇز» يېگەندە سۈت پۇرىقى بار تاۋۇز بولماستىن، بەلكىئوغۇت ئېچىتىش جەريانىدا سۈت، كالا ۋە قوي تېزىكى، ئېچىتقۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلار قوشۇلغان تاۋۇزنى كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا ئوغۇت سۇيۇقلۇقىتېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، تاۋۇز سۈپىتىتېخىمۇ ياخشى، تەمىتېخىمۇ تەملىك بولىدىكەن. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، دۇڭ يۆچياڭ 20 تەشتەككەتاۋۇز تېرىپ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرگەن، تەجرىبە ۋە ئىلمىييېتەكچىلىكبولمىغاچقا، پەقەت 15 تەشتەكلا تاۋۇز ئۆسكەن.

دۇڭ يۆچياڭ(سولدا) تاۋۇز پېلىكى جازىسىنى مۇقىملاشتۇرماقتا.

«بىر نەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىزدەك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. 2019-يىلى 9-ئايدا، توقسۇن ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى بىزنى خۇنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، شۇ جايدىكى پارنىكتا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ھەم تاماشا قىلغىلى ھەم يېگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن تەجرىبە ئۆگىنىپ كېلىپ، ئىزچىلتەشتەكتە تاۋۇز تېرىش تەييارلىقىنى قىلدىم.» 2019-يىلى2-ئايدا، 1200 تەشتەككە تېرىلغان تاۋۇز دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا رەسمىي ئۆستۈرۈلدى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن.

يەردە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزغا ئوخشىمايدىغىنى، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋۇز «ئورىكى»نىڭ ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىربولۇپ، 80 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى پېلەك جازىسىنى قوشقاندا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان ھەر بىر تۈپ تاۋۇزنىڭ ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋۇزنىڭ «ئورنى» گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈشكە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق كەم بولسا بولمايدىكەن. تەشتەكتە تاۋۇز ئۆستۈرۈش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپھېسابلىنىدىكەن. ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈشمەزگىلىدىن كېيىن، ھەربىر تەشتەكتىن 1.5 كىلوگرامدىن ئىككى كىلوگرامغىچە تاۋۇز پىشىپ يېتىلىدىكەن.

دۇڭ يۆچياڭ(سولدىن ئىككىنچىسى) ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە تەشتەككە تاۋۇز تېرىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھىرىئاھالىسى چېن مىن ھەر يىلى دۇڭ يۆچياڭنىڭ «سۈتلۈك تاۋۇز»ىنى زاكاز قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مەن دۇڭ ئاكىنىڭ كونا خېرىدارى بولۇپ قالدىم، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇ تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنى كۆرۈپ، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن تېتىپ باقماقچى بولدۇم».

دۇڭ يۆچياڭ تەشتەككە تاۋۇز تېرىغاندىن باشقا، يەنەشوخلا، لازا ۋە چەيزە قاتارلىقلارنى تېرىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىدا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى، كۆكتاتلار پىشىپسېتىلىپ بولدى، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار 4-ئاينىڭ ئاخىرى پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن، ھازىر تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزدىن 300 نەچچە تەشتەك زاكاز قىلىنىپ بولغان بولۇپ، تاۋۇز تەشتىكى بىلەن 120 يۈەنگە سېتىلىدىكەن.

تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز

تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنىڭ سېتىلىش يولىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۇڭ يۆچياڭ ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا ئىشلەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە،ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 15 نامرات ئاھالە دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

نەخۇل كەنتىدىكى ئاھالە ئىمىرخان قۇربان مۇشۇ يەردىكى بىر ئىشلەمچى، ئۇ پارنىكتا سائەتلىك ئىشلەپ، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 يۈەن تاپىدۇ. «دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا ئىشلىگەچكە، كىرىمىم ناھايىتى ياخشى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن» دېدى ئىمىرخان كۈلۈپ تۇرۇپ.