ئابلىكىمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزجاۋ خەيشياخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى خېيۈەن كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئابلىكىم ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ھويلا پاكىز، رەتلىك بولۇپ، يېشىللىققا تولغانىدى. گەرچە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خوتۇنى پاتىگۈل نەمەتنىڭ تازىلىق قىلىش قىزغىنلىقى قىلچە بوشاشمىغانىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، ئەمگەكچان بولغاندىلا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.» پاتىگۈل نەمەت مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

2013-يىلى، ئابلىكىم ئابدۇكېرىم ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تېرىيدىغان يېرى ئاز، قولىدا ھۈنىرى بولمىغاچقا، نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلگەنىدى، ئىككىيلەن يۈزى تۆكۈلگەندەكھېس قىلىپ، ھەر تەرەپتە ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئەمما ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ئىش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن كارى بولالمىغاننى ئاز دەپ، كىرىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى.

«2013-يىلى، بىزنىڭ پەقەت ئىككى ئېغىز كېسەك ئۆيىمىز بار ئىدى، ھەر كۈنى قانداق قىلغانداپۇل تېپىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدا غەم قىلىپ باش قاتۇراتتىم، خوتۇنۇم ئىككىمىز دائىم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ھېلىمۇ ياخشى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇق.» دېدى ئابلىكىم ئابدۇكېرىم.

ئاقسۇ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئابلىكىم ئابدۇكېرىم ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپ، 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنىپ بېزەلدى، ھۆكۈمەت تارتقاتقان بىر تۇياق نامراتلارنى يۆلەش كالىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئابلىكىم ئابدۇكېرىمگە ئۈمىد بېغىشلىغىنى، بۇلتۇر 4-ئايدا خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى ئاستىدا، ئۇنىڭ قېزىش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىر يىللىق توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىنىڭ 4500 يۈەن بولغىنى بولدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىگۇڭ ماۋچياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كەنت كەسىپ تەرەققىيات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كەسىپ تەرەققىيات زەنجىرىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇكېرىمدىن ئۆگىنىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»