گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى كەڭ دىققەتنى تارتتى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

گۇما غېزى باقمىچىلىق مۇھىتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شياخەۋىرى، فوتوسى): «بۇ ئىككى كۈندەيان تېلېفونۇم توختىماي سايرىدى، خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، توشقان، غاز توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغانلاركۆپىيىپلا قالماي، بىز يەنە نۇرغۇن يېڭى بازار ئېھتىياجىنى چۈشەندۇق، ساتقۇچى خادىملار ئېھتىياج ۋە زاكاز ئۇچۇرىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى» دېدى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىشىنجاڭ كوئىنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ جېن مۇخبىرغا.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تىيانشان تورى قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشئۈچۈن «گۇمىدىكى ياخشى مەھسۇلاتلاردېھقانلارغا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتمەكتە» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلار، كارخانىلار بەس-بەستە تېلېفون قىلىپ بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئورتاق ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ جېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى يېمەك-ئىچمەك، يېمەكلىك شىركەتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىبۇ خەۋەر ئارقىلىق گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇپ، تېلېفون ئۇرۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، نۇرغۇنلىرى زاكاز قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى بىزئېلېكتىرونلۇق سودا يول ئارقىلىقئالاقە ئورنىتىپ باقمىغانىدۇق، بۇ قېتىمقى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئالاقىسىئارقىلىق، ھازىر شىركىتىمىزتوردا سېتىش سىستېمىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلگىرىكى 20 توشقان، غاز چوڭ ئورالمىلىق مەھسۇلاتىمىزنى ئوراپ قاچىلاش ئاساسىدا، بىر، ئىككىكىچىك ئورالمىلىق مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ پارچە سېتىشىغا قولايلىق ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ».

گۇما توشقىنىباقمىچىلىق مۇھىتى

جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يانچۇقىنىڭ تومپىيىشىدىن دېرەك بەردى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەندىلا، گۇما ناھىيەسىدىكى ياخشى مەھسۇلاتلارنىڭ نامى بارغانسېرى كېڭيىپ، سېتىلىش مىقدارى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى شەنخاۋ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدىكى شۈ ئەپەندىمۇ خەۋەردە ئېلان قىلىنغان دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تېلېفونى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىدى، ئۇ گۇما غازىنىڭئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئېھتىياجىغا ماس كەلسە، كېيىنكى مەزگىلدە ئۇزۇن مۇددەت نۇقتىلىق سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇما ناھىيەسى بۇ يىل 6 مىليونغاز، 9 مىليون توشقان، 18 مىڭ ئېشەك، 180 مىڭ قوي، 15 مىليون خالتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىپ، 28 مىڭ نامرات ئائىلىنى قاپلاپ، كەسىپ ئارقىلىق«ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى پىلانلىدى. جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپكۈچلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا، ئومۇمىي خەلقنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىغا تەقەززامىز! (دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2336742-0991)

گۇما توشقىنىباقمىچىلىق مۇھىتى