يەنجى ناھىيەسى: جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئەزھەر، ما چىڭيەن خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دەنزىل بازىرى بۇغدا كەنتىدىكى ئوسما يىلتىزى ئېتىزىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلارنىڭئالدىراشلىقىنى، ئەتراپنى قاپلىغانجۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ خۇش پۇرىقىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.

«بۇ ئوسما يىلتىزىبۇلتۇر 10-ئايدا تېرىلغان، ھازىر زاكاز قىلىنىپ بولدى، بىر مودىن2000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى رۇيفېڭيۈەن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياڭ رۇيشېڭ.

يەنجى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، «كىرىمنى ئاشۇرۇشتائاۋۋال تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش» تەرەققىيات پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇيفېڭيۈەن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، ھۆددىگە ئالغان كەنت كوللېكتىپى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 1000 مو يېرىنى تەرتىپكە سېلىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشنى سىناق قىلدى.

رۇي فېڭيۈەن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل 500 مو يەرگەئوسما يىلتىزى، گۈەنفاڭفېڭ(关防风)، قوڭغۇراقگۈل(桔梗) قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 200 مو يەر ئېكسكۇرسىيە بازىسى قىلىنىدۇ. 9-ئايدىكى گۈل پەسلىدە، بۇ يەر گۈزەل گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ.