يېڭىشەھەر ناھىيەسى: كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە مەبلەغ سېلىپزاۋۇت قۇرۇشقاجەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپكىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

قەشقەر لۇجياڭ يېڭى يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، خىزمەتچى ئەخمەتجان زۇنۇن زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى تىزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئاز بولغاچقا، ئەخمەتجان زۇنۇننىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىن ئىدى، بۇلتۇر 3-ئايدا، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى خېلى ئاشۇردى.

ئىمىرنىسا ئۆمەر ئىلگىرى قارا مور پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، 2018-يىلى 4-ئايدا كارخانا كەنتتە مور، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىدىكى تېخنىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان سۇپىغا ئىگە بولۇپ، ھەر ئايدا 2200 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى.

ئىمىرنىسا ئۆمەر مۇنداق دېدى: «مەنتېخنىكا ئارتۇقچىلىقىمنىجارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچىگە قارا مور پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن».

كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شەندۇڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغاياردەم بېرىشتە مەۋقەنىيېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

قەشقەر لۇجياڭ يېڭى يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خەن ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەسىپكاردىن22سى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12سىنامرات ئاھالە، كېيىنكى قەدەمدە بىز مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز».