شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 نامرات ناھىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈردى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي،ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ پېيگېن،فۇ رۈيخەۋىرى) بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يەنە 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك 10 نامرات ناھىيەدە ساقلىنىۋاتقان قىسمەن ئېلېكتىرتورى«قىسىلىش» ۋە تۆۋەن توك بېسىمى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 42 مىڭ 100 ئائىلىلىك 165 مىڭ 800 كىشىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 85 تور سەپلەش لىنىيەسىگە چېتىلىدىغان 228 توك تەقسىملەش تىرانسفورموتورسۇپىسى رايونىدا، جەمئىي 340 تۈرلۈك توك بىلەن تەمىنلەشتىكى سۈپەت مەسىلىسىنى بايقىغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، قاراتمىلىق ھەل قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى يەنە شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن 25 ناھىيە ۋە 3107 نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنتنى توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈرلۈك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.