چاپچال ناھىيەسى: قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شيې چېن خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جاكۇچى نېرۇ يېزىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز تېرىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇردى.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جاكۇچى نېرۇ يېزىسى جاكۇچى نېرۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ ۋېيشىڭ ئۆزىنىڭ 30 مو يەردىكى قوش يوپۇقلۇقتاۋۇزلىقىدا، كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا قارىماي لاپاستىكى تاۋۇز مايسىلىرىنى سۇغاردى.

«بۇ يىل ھاۋا ياخشى، 4-ئاينىڭ 10-كۈنىلا لاپاس قۇرۇپ بولغانىدىم، بۇلتۇرقىدىن 10 كۈن بۇرۇن بولدى، لاپاسنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى چوقۇم ياخشى ئىشلىشىم كېرەك.» ليۇ ۋېيشىڭ توپا بىلەن لاپاسنىڭ چۆرىسىنى باستۇرغاچ شۇنداق دېدى.

ليۇ ۋېيشىڭنىڭ تاۋۇز تېرىۋاتقىنىغا 18 يىل بولغان بولۇپ، كەنتتىكى قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ بىرى. بۇ يىل ئۇ قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز پارنىكىدىن 58نى قۇردى. «قوش يوپۇقلۇق تاۋۇزنىڭ بازارغا سېلىنىشى بالدۇر، تەمى ياخشى بولغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمىزمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.» دېدى ئۇ.

بۇلتۇر، ليۇ ۋېيشىڭ 34 مو يەرگە قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز تېرىدى، تاۋۇز سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە لوبو، بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، جەمئىي 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىلئۇ بۇلتۇر سىناق تەرىقىسىدە تېرىغان تۆت خىل تاۋۇز سورتى ئىچىدىنشەھەر ئاھالىلىرى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل سورتنى تاللاپ تېرىدى.

«ھازىر، تاۋۇز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، 7-ئاينىڭ بېشىدا بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىدىم. ھەر يىلى تاۋۇز بازارغا سېلىنغاندا، سودىگەرلەر تېلېفون بېرىپ زاكاز قىلىدۇ، مەن بۇ يىلقى سېتىشتىن غەم قىلمايمەن.» ليۇ ۋېيشىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى.

مۇخبىرنىڭ جاكۇچى نېرۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئەسقەت مەمەتتىن ئىگىلىشىچە، قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز بازارغا بالدۇر سېلىنىدىغان بولغاچقا، سېتىپ بولغاندىن كېيىن، دېھقانلار يەنە كۆكتات تېرىسا بولىدىكەن، دېھقانلارنىڭ بىرمو يەردىن قىلغان كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇ خاس كەسىپنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى باشقا دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال يېتەكلىگەن، ھازىر يېزا بويىچە 2000 مودىن ئارتۇق يەردە قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز بار ئىكەن.