خېجىڭ ناھىيەسى: 300 مىڭ دانە «قارا جىنگاڭ» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

日期:2020年04月28日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالەئاۋيۈن گېرى(سولدا) كەنتتىكى چۈجە چىقىرىش مەيدانىغا كېلىپ، 100 قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى ھەقسىز ئالدى.

بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبى رزۇ يەنجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلارخۇ ۋېيخۇا، سىچىن باتۇخەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى چۈجە چىقىرىش مەيدانى كەنت ئاھالىلىرىگە قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، بۇ ناھىيەدىكى 300 مىڭ دانە «قارا جىنگاڭ»نىڭنامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۇنجى قەدىمىنى باشلىدى.

چاغان ئۇسۇ كەنتىدە 687 ئائىلە 1914 ئادەم بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 646 نامرات ئائىلە 1795 ئادەم بار. بۇ كەنت كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يەر كىرىمىنىڭئېشىشى چەكلىك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى تار، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە تەسىر يەتكۈزەتتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تاللاش ئارقىلىق، بۇ كەنت قارا جىنگاڭ توخۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان توخۇ نەسلى قىلىپ بېكىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى، كەنت يىلىغا 40 مىڭ دانە قارا جىنگاڭ چۈجىسىچىقىرىش مەيدانى قۇرۇپ، تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرنى ئاۋۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

«بۇلتۇر مەن ئۈچ ئاي قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى بېقىپ، 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئاۋيۈن گېرى.

خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كۆپ قىسىم يېزا-بازارلاردا چۈجە چىقىرىش مەيدانى قۇرۇلدى، بۇ يىل بۇ خىل كۈچ ئۇلاپ بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، ئادەتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە 300 مىڭ دانە قارا جىنگاڭ چۈجىسى ھەقسىز تارقىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى.