گۇيجوۋ دەنجەي: «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دىكى چاي ئۈزۈش ئالدىراشچىلىقى

日期:2020年04月27日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، چايچى دېھقانلار «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا چاي ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا تورى خەۋىرى:گۇيۈ (24 مەۋسۇمنىڭ بىرى) مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەنجەي ناھىيەسىنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا چايچى دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈشكە باشلىدى. دەنجەي ناھىيەسى كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى چايلىقتا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرگە چايلىقنى پەرۋىش قىلىش، چاي ئۈزۈش، چاي ئىشلەش قاتارلىقلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى» توردا 600 مودىن ئارتۇق چايغا ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىپ، شۇ جايدىكى 700دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچى خادىم «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا كۆكۈچ سېرىق رەڭ چاينى تاللىماقتا.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، چايچى دېھقانلار «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا چاي ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، چايكارلار «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا چاي ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچى خادىم «نامراتلارنى يۆلەش چايلىقى»دا كۆك چاي ئىشلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىئوۋ دۇڭچۈفوتوسى