شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى ئۆلكىسى لۇڭلىن گېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شۇ جاينىڭ مول ئورمانبايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر ناھىيە بويىچە كۆلىمى چوڭراق ياغاچچىلىق كارخانىسىدىن ئالتىسى بار، بۇ كارخانىلار شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇبوئەن فوتوسى
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇاڭشى ئۆلكىسى لۇڭلىن گېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جېباۋ يېزىسىدىكى بىر ياغاچچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشچىلىرى تاختا شەكىللىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقارماقتا.