ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ھەممە ئادەم قاتنىشىش

日期:2020年04月26日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

يۆ يەنيۈن

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان ئائىلىلىرى تارقاق باققان غاز شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا كىرگۈزۈلگەن، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇپ نامرات ئائىلىلەر ئۆستۈرگەن 38 توننا چىلاننىڭ سېتىلىش يولىنى تاپقان، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى جانلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىزگە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت - يىراق جايلاردا بولۇپ، قاتناش قولايسىز، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىق مەۋجۇت. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىر ئۇچى نامرات رايونلارغا تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى كەڭ بازارغا تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈندۇر.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەربىر ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، ھەممە ئادەم قاتنىشالايدۇ، ھەممە ئادەم كۆپرەك ئىش قىلالايدۇ. بىز ھەربىرىمىز ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى بىلەن شەھەردىكى «كۆك - تاق» «ئاشلىق» «مېۋە»نى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئازغىنا كۈچىمىزنى چىقىرىپ، تىرىشىپ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى سېتىش يولىدىن پايدىلىنىپ نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول ئېچىپ بېرەلەيمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)