ئىسسىق نان ھىدى دىماغقا ئۇرۇلدى، كۈنلەر ئاسايىشلىققا تولدى

日期:2020年04月26日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىززو شياۋيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىرئىرسىجان): مۇخبىرلار 3-ئاينىڭ 31-كۈنىسانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى مياۋئېرگوۋيېزىسى خېشيې 2–كەنتىگە يېتىپ كەلگەندە، «ئالتۇن بارماق» قازاق مىللىتى يېزا، كەنت ئەسلى تەم ناۋايخانىسىدىن كەلگەن مەززىلىك ھىد دىماغقائۇرۇلدى. مۇخبىرلارھويلىغا كىرگەندە، قاتار كەتكەن بەش تونۇرغانەچچە يۈز ناننىڭ گىرەلىشىپ يېقىلغانلىقىنى، كەنت ئاھالىسى سابىتقان ساقاينىڭ چەپدەسلىك بىلەن نان يېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

سابىتقان ساقاي ئەمبەلدە سۈت، تۇخۇم، شېكەر، قۇيرۇق ياغقاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن يۇغۇرغان خېمىردىنچوڭ-كىچىكلىكىنى تەكشى قىلىپ زۇۋۇلا ئۈزۈپ، بىر-بىرلەپ نان راسلاۋاتاتتى.

«ئالتۇن بارماق» ناۋايخانىسىنى ھەربىيلىكتىن قايتقان ئايقېن بابۇر ئاچقان بولۇپ، بىر مەزگىل تىجارەت قىلغاندىن كېيىن، ناۋايخانىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ئىشلەيدىغانلارمۇئەسلىدىكى ئۈچتىن بەشكە كۆپەيدى، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بېيىش يولىماڭغانسېرى ئۇتۇقلۇق بولغان ئايقىن بابۇر يەنە بىر قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش شىركىتى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناۋايخانىسىنى ھۆددىگە بېرىشنى قارار قىلدى. تۆت ئاي ئىلگىرى، فۇكاڭ شەھىرىدە چارۋىچىلارئارامگاھى ئېچىۋاتقان سابىتقان ساقاي كەنتكە قايتىپ كەلگەندەبۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناۋايخانىنى ھۆددىگە ئېلىشنى قارار قىلدى.

سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «ئالتۇن بارماق» ئەسلى تەملىك نانلىرىنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا سابىتقان ساقاينىڭ سودىسىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا ياردەم بېرىشئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كادىرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ۋاكالىتەن ساتقۇچى» ۋە «كېڭەيتىش ئەلچىسى» بولدى. ئۇلار قىسقا سىن يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللارئارقىلىق زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەززىلىك ناننى ھەقىقىي تۈردە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «بازىرى ئىتتىك» مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى.

ھازىر، «ئالتۇن بارماق» ئەسلى تەملىك نانلىرىنى ئەتراپتىكى يېزا، كەنتلەردىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، ئەسلىدىكى بەش تونۇر يېتىشمىگەچكە، سابىتقان ساقاي يەنە ئىككى تونۇر سېلىپ، تونۇر كاۋىپى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلماقتا. «سودام ياخشى بولسا،كەنتتىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىپ، ئىشلەيدىغانلارنى 10غا كۆپەيتىپ، كۆپچىلىككىمۇ پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمەن» دېدى سابىتقان ساقاي.