يەنجىدە 100 مىڭ مو يەردىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

日期:2020年04月26日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(تەكلىپلىك مۇخبىرگۇ فاجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرما گوچىڭ،تۇرسۇن سەمەت): يېقىندا، يەنجى ناھىيەسىدە 100 مىڭ مو يەردىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم تەكلىرى ئېچىلىپ، باراڭغا ئېلىندى، خولاشەن تېغى ئېتىكىدىكى كەڭرىچۆللۈكئۇزۇن كارىدورى سەۋەبلىك ھاياتىي كۈچكە تولۇپ،نامرات ئاممىنىڭ «ئالتۇن قازىدىغان يېرى»گە ئايلاندى.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭفېي ھاراق قورۇقىنىڭ 6000 مو يەردىكى ئۈزۈمزارلىقىدا، يۈننەندىن كەلگەن لى جىنسەي ئىشچىلارنىڭ تەكنى باراڭغا ئېلىشىغايېتەكچىلىك قىلدى. لى جىنسەي بۇ يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتقىلى 10 يىل بولغان بولۇپ، دەسلەپتە ھېچنېمىنى بىلمەسلىكتىن ھازىر نەچچە 1000مو يەردىكى ئۈزۈمنى مۇستەقىل باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچىغا ئايلاندى.

ئۈزۈمزارلىقتا ئىشلەيدىغان نامرات ئامما ئەكبەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئايدا 3200 يۈەن تاپالايمەن، شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلىشىم كېرەك!»

شىنجاڭ جۇڭفېي ھاراق قورۇقىدىكى 6000 مو يەردىكى 4 مىليون 800 مىڭ تۈپ ئۈزۈم مايسىسىنىڭھەممىسىگە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، يەنە 1500 مو يەردىكىئىھاتە ئورمان بەلبېغىھەريىلى زور مىقداردا پەسىللىك ئىشچىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شىنجاڭ تيەنسەي ھاراق قورۇقىدا 2000 مو ئۈزۈمزارلىق بار بولۇپ، ھەريىلى يەرلىكتىكى نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، ھازىريەنجى ناھىيەسىدىكى ئۈزۈمزارلىق كەسىپلەرباغچە رايونىغا 28 كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، ئىلگىرىكى كەڭرى چۆللۈككە 100 مىڭ موھاراق ئېچىتىلىدىغانيېشىل، ئورگانىك ئۈزۈم بازىسى قۇرۇلغان. ھەريىلى ئۈزۈم پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈش، ھاراق ئېچىتىشتا نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئۈزۈم بازىسىدا ئىشلەۋاتقان پەسىللىك ئىشچىلارنىڭ كۈندىلىك كىرىمى ئەڭ ئاز بولغاندا 100 يۈەن ئىكەن. بىر يىلدا كىشى بېشىكىرىمى 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇپ، يەنجى ناھىيەسىدىكى ئۈزۈمزارلىق كەسىپلەرباغچە رايونىغا يۆتكەلگەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، كىرىمى 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

كەڭرى چۆللۈككە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشئاممىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىدى.چۆللۈك كۆكەرتىلىپ، مۇھىت ياخشىلاندى، شۇ جايدىكى دېھقانلار «ئۈزۈم بىزنىڭ بەخت دەرىخىمىزگە ئايلاندى»دېدى.