خوشۇت ناھىيەسى: 80 دانە كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

日期:2020年04月26日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزشيې شياۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ بو): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدە كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 80 ئائىلىلىك قىيىنچىلىق بار ئامما خۇشال ھالدا كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇشماشىنىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. يېقىندا، خوشۇت ناھىيەسى چۇقۇ بازىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە لى جۆۋېي بىر دانە 3380 يۈەن قىممىتىدىكى كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىغا ھەقسىز ئېرىشتى. «كىچىك، پارچەيەرلەردىمۇ ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.كىچىك تىپتىكىيەر ئاغدۇرۇشماشىنىسى ئەپچىل، ئىشنى چاققان قىلىدىكەن. ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى 6 پۇڭ يەرنى بىردەمدىلا ئاغدۇرۇپ بولدۇم، بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاغدۇرالايدىكەن،يەنە كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.»

چۇقۇ بازىرىدا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىن 110ى بار، بەزى ئائىلىلەردە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بەزىلىرىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل، بەزىلىرى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن. 2019-يىلى بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ «ئالىقانچىلىك يەر)»ىدىنمۇ تولۇق پايدىلىنىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. بىر يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆچەتنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش، كۆكتات تېرىش، ئۆي قۇشلىرى ۋە چارۋا بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى مىڭ يۈەن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ يىل بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ئاممىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بارغانسېرى تېز مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، خوشۇت ناھىيەسى 270 مىڭ 400 يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تۈرى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 80 دانە كىچىك تىپتىكىيەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە قىيىنچىلىقى بار80 ئائىلىلىكئاممىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.