يېزا «ئەتىرگۈل»ى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كۆپچىلىكنى ئېلىپ بىللە يۈگۈردى

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-كەنتلەردە،نۇرغۇن سىمالار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ 1-سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا.بۇ «يېزا-كەنت ئەتىرگۈل»لىرى تىرىشىش ئارقىلىق نەتىجە قازاندى، ئۇلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي،يەنە يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپبېيىش يولىدا يۈگۈردى.ئۇلار شېرىن كەسىپ ئارقىلىق «تاتلىق كۈن»گە ئېرىشتى

4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن ئاشقاندا، گۈزەلنۇر ئابلىمىت يېمەكلىك زاۋۇتىغا كېلىپ، شۇ كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلدى. 60 نەچچە خىزمەتچىسى بار زاۋۇت مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى قول سېلىپئىشلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكىلىگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئادىتى.

گۈزەلنۇرنىڭ ئانىسى ئىزچىل كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچقان بولۇپ،ئۇكىچىكىدىن تارتىپلا سودىغا قىزىقاتتى. 2005-يىلى ئۇ شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى يەكەن ناھىيەسى گۈلباغ بازىرىغا قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايى كۈچلۈك بولسىمۇ،ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشىسىزلىققا ئۇچرىدى. بىر يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىيىم-كېچەك دۇكىنى، گىرىم قىلىش-چاچ ياساش دۇكىنى ئاچقان بولسىمۇ، تەجرىبىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن مەغلۇپ بولدى.

«بۇ ئۆمرۈمدە ئازراقمۇ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن!» كېيىن ئۇ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەنبولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىگىلىك تىكلەش «ئۇچقۇنى» ئۆچۈپ قالمىدى. 10 يىلدىن كېيىن، ئۇ ئىستېپا بەردى. بۇ قېتىم ئۇ يېمەكلىك بازىرىنى نىشانلاپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تورت-پېچىنە پۇشۇرۇشنى ئۆگەندى. گەرچە بۇ ئىش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېمەكلىك زاۋۇتى ئېچىش ئويى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭقوللىشىغا ئېرىشتى.

2015-يىلى گۈزەلنۇرنىڭ بەخت باغچىسى يېمەكلىك زاۋۇتى تىجارەت باشلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن زاۋۇتنىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلىنىپ، بازاردىكى داڭلىق ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر ئۇ يەنە شاڭخەيگە بېرىپ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، نەق مەيداندا نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك زاكاز ئىمزالاپ، يېزا-كەنت زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتىنى چوڭ شەھەرلەرگە كىرگۈزدى. ئۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقاندىمۇمىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن نامرات ئاھالىلەر ئىدى. «مەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.»

(چىن جىنلى خەۋىرى،جوۋ يىشۈەن، رېھىمقىز، يەن چۈن، جاڭ ياڭ، ما جۈنشيا فوتوسى)