دەريا بويى يېزىسىدىكى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى: ئۇ يۇرتىنى سۆيدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۇنى ياخشى كۆردى

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇربانخان مەتروزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ياتىقىنى رەتلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇربانخان مەتروزى دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق دەريا بويى يېزىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇربانخان مەتروزى كەنت ئاھالىلىرىگە پۇقراۋى قونالغۇنى باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەتمەكتە.

بوشلۇقتىن قارىغاندىكى كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى يېڭى ئاھالىلەر نۇقتىسى (4-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىليۇ يىخەۋىرى،جوۋ پېڭفوتوسى): يېقىندا، ساياھەت بازىرىنىڭ تەدرىجىي جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇربانخان مەتروزىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئازراقمۇ يېنىك ئەمەس ئىدى.

دەريا بويى يېزىسى دۇنيا بويىچە 2-چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى240 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

2019-يىلى بىر مەھەل «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان دەريا بويى يېزىسى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈپ، تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كونا جايدا قېپقالغان يېزا دالا ساياھەتچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى «توردا ئالقىشلانغان» جەزمەن بارىدىغان جايى بولۇپ قالدى.

شۇ يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ داشۆنىپۈتكۈزگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان قۇربانخان يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ باش بولۇپ «قۇملۇق قوغدىغۇچىلىرى» ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 10 نەچچە نامرات ئائىلىنى كوپىراتىپقا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

«جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تىجارەت سوممىسىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» قۇربانخان 2019-يىلى كوپىراتىپنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ئىنتايىن پەخىرلەندى، لېكىن بىرقىسىم ئەندىشىلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى: «تىرىشىش ئارقىلىق، بىر قىسىم يۇرتداشلار ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولدى، لېكىن ساياھەتچىلىكنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىش ئۈچۈن، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.»

ساياھەتچىلەرگە قانداق قىلغانداتېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، ساياھەتچىلىكنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يادرولۇق ئىدىيەسىنى يۇرتداشلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگىلى بولىدۇ ... 25 ياشلىق قۇربانخان بۇلارنى ئۆزىنىڭ بېسىمى ۋە مەسئۇلىيىتى دەپ قارىدى.

بۇ يىل، قۇربانخان بىر قاتار تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى پىلانلىدى.

ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى 50 نەچچە ساياھەت ئۆمىكى قۇربانخان بىلەن ئالاقىلىشىپ، دەريا بويىغا ساياھەتكە بېرىش ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى.

«مەن چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كوپىراتىپنىڭ تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە ياخشى يېيىش، ياخشى ئويناش شارائىتىغا ئىگە قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يۇرتۇمنى ياخشى كۆرىدىغانقىلىمەن» دېدى قۇربانخان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.