ئونسۇ ناھىيەسى: زامانىۋى پەن-تېخنىكا باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا ياردەمچى بولدى

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزپەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرچياۋ جيەن لىن خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى ئاياقچى كەنتىدىكىدېھقانلار تېخنىك خادىملارنىڭ ياردىمىدە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن كەنتتىكى نەچچە مىڭ مو مېۋىلىك دەرەخكە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ، پەن-تېخنىكىنىڭكۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھوسۇلنى كۆپەيتىپكىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تۇمانلاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى، دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى، پۈركۈلگەن دورا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىنى ئۇزارتىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چاڭلىشىش ۋە مېۋىلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ يىل ھەر مو يەرنىڭ كىرىمىنى 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.» ئاياقچى كەنتىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ گوشېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقانلار مېۋىلىك دەرەخلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاندا، ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى بىلەن چېچىش، تىراكتور ئارقىلىق دورا چېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خەتىرى چوڭ، پۈركۈش تەكشى ئەمەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلار باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا، كۆز قارىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق، زامانىۋى پەن-تېخنىكىدىن دادىل پايدىلىنىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.