گۇما: قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى:(ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىيە ئابلىكىم، پەزىلەت خەۋىرى) ئۆزگىچە كەسىپلەر ئىچىدە، ئەل ئىچى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئېچىپ بەردى.

رەيھانگۈل ئۆمەر ئىلگىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى يانئاقىلىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىدى. 2017-يىلى، ئۇنىڭ ئانىسى پالەچ بولۇپ يېتىپ قېلىپ، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇ تازا غەمگە پاتقاندا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك ھۈنىرى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلىشىگە پائال ياردەم بەردى. 2017-يىلى 8-ئايدا رەيھانگۈل ئۆمەرنىڭ ئۇز لىباس قول ھۈنەر چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى مىللىيچە كىيىم-كېچەك، كەشتە، ئىلمە توقۇلما بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردى. رەيھانگۈل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئىشلىگەچكە، قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى ھەمدە ئون نەچچە نامرات ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. «بۇنىڭدىن كېيىن مەن شىركەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن» دېدى رەيھانگۈل ئوبۇل.

كەنت ئاھالىسى رىسالەت ئابلىمىت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ھازىر ئۇز لىباس قول ھۈنەر چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىشلەيدىغان يېرىم ئىشىك ئالدىدىلا، مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ھەر ئايدا مائاشىم بار، يەنە ئۆينىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن. مۇقىم خىزمىتىم بار بولغانلىقتىن، تۇرمۇشىم بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىم بار».