چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق ئاق قالدۇرماسلىق

ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇردى

日期:2020年03月17日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئىشچىلار قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى شېنجىن كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ قەشقەر چىلۇ رۇيى توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا يىپ ئېگىرمەكتە. بۇ شىركەت قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە 800 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، 5000دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

(ئابدۇقادىر ئابباس فوتوسى)

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەنتمۇكەنت تەكشۈرۈش، ئائىلىمۇئائىلە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تۈرمۇتۈر ئېنىقلاش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتە تېگىگىچە، چېتىگىچە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەنتمۇكەنت تولۇق تەكشۈرۈش، ئۆيمۇ ئۆي ئىنچىكە ئەھۋال ئىگىلەش، تۈرمۇتۈر ئاساسىنى ئېنىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پايدىسىز ئامىللارنى كۈچەپ تېپىپ چىقتى، جىددىي تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تاپتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرگە «قايتا قاراپ چىقىش»، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ھەم «ئىككىنى ئېنىقلاش، بىرنى تەكشۈرۈش» ئاساسىدا، مەركەزلىك ھالدا ئۈچ ئاي ۋاقىتتا، جەمئىي 193 مىڭ 500 كادىرنى قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، «ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «ئۈچ دەل جايىدا بولۇش» «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 95 ناھىيە، شەھەر، رايون، 924 يېزا - بازار، 9406 كەنت(مەھەللە)، 3 مىليون 290 مىڭ دېھقان ئائىلىسى ھەم ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى ئورۇنلارنى تولۇق قاپلاش ھالىتىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 24 تارماق ئورۇننىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ئەسكەرتىپ ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر مەسىلە، بىر يۈرۈش تەدبىر، بىر مەسئۇل كىشى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش قەرەلى، تۈزىتىش تەلىپى ۋە تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملىك بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈزىتىلگەنلىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلىش، تۈزىتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ پۇختىراق تولۇقلاپ، ئۇلنى يەنىمۇ مۇستەھكەمرەك سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.